شېئىرلار(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 05:31:58

شېئىرلارغوجىمۇھەممەت مۇھەممەتمايبۇ قاقاس كۈنلەردە مەن ھېچكىم ئەمەس،يېنىمدا بىر دەريا ئاقار سۇسىراپ.قولۇمدا دۇتار قىز، قارنى يېرىلغان،تىلىمدا بىر ناخشا ئۆلەر چىرقىراپ.ماشىنا نەقەدەر يېقىمسىز...

    شېئىرلار
    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت


    ماي

    بۇ قاقاس كۈنلەردە مەن ھېچكىم ئەمەس،
    يېنىمدا بىر دەريا ئاقار سۇسىراپ.
    قولۇمدا دۇتار قىز، قارنى يېرىلغان،
    تىلىمدا بىر ناخشا ئۆلەر چىرقىراپ.


    ماشىنا نەقەدەر يېقىمسىز ئادەم،
    ئادەم نەقەدەر ئاجىز ماشىنا.
    ئەرلەرنىڭ ئەسلىدە پادىشاھى يوق،
    تەلپۈنەر ئاياللار بالا-قازاغا.


    قىزلارنى ئەينەكلەر يەيتتى سۇندۇرۇپ،
    ئەرلەرنى پارچىلاپ يەيتتى خىزمەت، پۇل...
    تۇيۇقسىز چىقىپ مەن تېرەم ئىچىدىن،
    قاچتىم ئەڭ خىلۋەت بىر ئۆڭكۈرگە ئۇدۇل.



    نۇر چاچار ھەسرىتىم ئەينەك ساندۇقتا

    ھېچنېمەڭ بولمىسا ئەي قېرى كېچە،
    مەن سېنىڭ ئاشناڭمەن تەنھا، ئۇيقۇسىز.
    چۇۋۇۋەت چېچىڭنى تاپىنىڭغىچە،
    مۇھەببەت ئون بەشكە تولمايدىغان قىز.


    نۇر چاچار ھەسرىتىم ئەينەك ساندۇقتا،
    يىرتىلغان خەتلەردە يىرتىق ھاياجان.
    ئۆسمەكتە تەلپۈنۈپ ساقال-بۇرۇتۇم،
    كۈلپەتلىك تولۇن ئاي چۈشلىرى تامان.


    بىلمەيسەن، توساتتىن مەن ئالەمدە يوق،
    جەسىتىم ئېسىقلىق تۇرار بازاردا.
    ئادەملەر شاد-خۇرام ئوينايدۇ ئۇسسۇل،
    تولىدۇ ھەممە يەر مېنىڭ ناخشامغا.



    دۇتارچى ئايال

    بارمىقىڭ چاپتۇرۇپ كېلەر قىقاسلاپ،
    تارلارنىڭ ئۈستىدە ساناقسىز ئاتنى.
    بىر چىنە قىزىق چاي ھور ئۆرلەپ تۇرغان...
    كېلەر ئېھ، گۈپپىدە ئىچكۈم ھاياتنى.


    ھېلىقى كوچىغا باشلىدىڭ يەنە،
    يارىمنىڭ كۆڭلىكى قىپقىزىل ئىدى.
    يەشمەكتە بىر-بىرلەپ تۈگمىلىرىمنى،
    ئاھ، سېنىڭ ناخشاڭنىڭ نازۇك قوللىرى.


    ئۆرگىلەي ئاسماندا ئايىڭ بولمىسا،
    قايتايمەن تېمىڭنى ئۆرۈپ كېچىدە.
    مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ يامان ئوغرى،
    تۇتۇلماي كەلگەن ناخشا ئىچىدە.



    ئىباگۈل

    ھېچكىمنىڭ چۈشىگە كىرمەيدۇ بۇ يەر،
    يۇلتۇزلۇق ئۆستەڭدە ئاقىدۇ كۆڭۈل.
    كىرىدۇ جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى،
    چەكسىز باياۋىنىمغا غېرىب ئىباگۈل.
    ئۇنىڭ چاچلىرىدا قىرىق بىرىنچى قاراقچىمەن،
    ئۇنىڭ كىرپىكلىرىدە سەرسان يولۇچىمەن.
    لەۋلىرىدە تەلۋە شارابخورمەن،
    كۆزلىرىگە چۆكۈپ كېتىمەن.
    ئۇنىڭ بارماقلىرىدا بىھوش ناۋالار،
    تۇپراق پۇتلىرىغا ئېسىلار يىغلاپ.
    كۆلگە ئوت كېتەر چۈشسە شولىسى،
    قىلىچنىڭ بىسىدەك باقسا قايرىلىپ.
    سۇنار ئەينەك تاراڭلاپ،
    تېنىمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تېنىدە.
    ئەپچىقار ئۇ مېنى روھ ئالىمىگە،
    ئۇ يەردە مىڭ يىللىق ئىشقى-پىراقتا.
    ئىزدەر بىر-بىرىنى ئادەم ۋە ھاۋا،
    سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى-ئاسمان.
    تۇپراق ئايدىڭدا قاناتلار قاققان،
    قايتار بارچە شەيئى يوق ھالىتىگە.
    ... ۋىسالغا يېتىدۇ ئادەم ۋە ھاۋا
    ئىباگۈل ئىڭرايدۇ: گۇناھ، گۇناھ...
    دۇنيا ئاستا-ئاستا بولىدۇ بىنا...


    جىرىڭلار باياۋىنىمدا ئالتۇن قوڭغۇراق.

    گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىسىدىن غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.