سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 13:18:12

سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا(مۇخەممەس)مېھرىگۇل مەخەتسەن مېنىڭ تۈۋرۈكۈم، تاغىم ئىدىڭ جان ئاتا،كۆرسىتەتتىڭ توغرا يولنى، گەر ماڭسام خاتا،كىرمەي ئېتىزدىن كەچكىچە، چەكسەڭمۇ جاپا،ۋە لېكىن قىلما...



      

    سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا

    (مۇخەممەس)

    مېھرىگۇل مەخەت

     

    سەن مېنىڭ تۈۋرۈكۈم، تاغىم ئىدىڭ جان ئاتا،

    كۆرسىتەتتىڭ توغرا يولنى، گەر ماڭسام خاتا،

    كىرمەي ئېتىزدىن كەچكىچە، چەكسەڭمۇ جاپا،

    ۋە لېكىن قىلمايتتىڭ ئازراقمۇ  تاپا،

    ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.

     

    قوللىرىڭنى پۇلاڭشىتىپ يولغا سالغانتىڭ،

    يىغلىمىغايسەن دەپ مېنى ئويغا سالغانتىڭ،

    كۆزلىرىڭدە ياش يالغۇز قالغانتىڭ،

    ئەڭ ئاخىرقى رەت مېنى باغرىڭغا باسقانتىڭ،

    ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.

     

    نەسىھەت قىلاتتىڭ دائىما چاچلارنى سىيلاپ،

    گۆشلەرنى بېرەتتىڭ ماڭا تاماقتىن ئىلغاپ،

    بۈگۈن خوشلاشتىڭ دۇنيادىن، يۈرەكنى تىلغاپ،

    مەن قالدىمۈۇ بىچارە بولۇپ ئارقاڭدىن يىغلاپ،

    ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.

     

    بەڭۋاشلىقتا يۈرۈپتىمەن ئويۇنۇمنى ئويناپ،

    ئېرىق – ئۆستەڭ تاغ-دالد، باغلارنى بويلاپ،

    يۈرمەپتىمەن ئاتا سېنى پەقەتلا ئويلاپ،

    ياشلىرىم تۆكۈلدى ئەمدى ئېڭەكنى بويلاپ،

    ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.

     

    يوق چېغىمدا يىقىلساڭ يۆلىيەلمەپتىمەن،

    ئاھ! باللىق قەرزىمنى تۆلىيەلمەپتىمەن،

    ساقىيار دەپ كېتەرىڭنى بىلەلمەپتىمەن،

    ئاخىرقى رەت يۈزۈڭنى كۆرەلمەپتىمەن،

    ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.