مەن ياتتىم ئەرۋاھلارنىڭ بۆشىگىدە

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-17 03:15:26

مەن ياتتىم ئەرۋاھلار بۆشۈگىدە، تەۋرىتەر شۇنچە سىلىق،شۇنچە لەرزان، كۈي باشلار ، بەكمۇ قەدىم بىركۈي، بۇ بىر سەھەر،ئۆرلىگەن مانان كېلەر يىراقتىن تۇياق دۈپۈرى، كۆرۈنەر تونۇش ئاق مالخېيى، قولىدا ئەگم...

    مەن ياتتىم ئەرۋاھلار بۆشۈگىدە،

    تەۋرىتەر شۇنچە سىلىق،شۇنچە لەرزان،

    كۈي باشلار ، بەكمۇ قەدىم بىركۈي،

    بۇ بىر سەھەر،ئۆرلىگەن مانان

    كېلەر يىراقتىن تۇياق دۈپۈرى،

    كۆرۈنەر تونۇش ئاق مالخېيى،

    قولىدا ئەگمەچ قىلىچى،

    مەن كۆردۈم بوۋام سادىر‹قارۇقنى›

     

    چۈشۇمدە كەڭرى قۇمۇشلۇق

    چېچىنى تارار نوزۇك،

    قۇلاق سالار تىۋىشقا

    كەلدى دەھشەتلىك ئوت

    تۇتۇلدى نۇزۇك

    قانغا بويالدى بوينىكېسىك!

    ئەرۋاھلارنىڭ تىندى كۈيى

    ئويغاندىم مەن تىتىرەپ سوغۇق!

    2010.10.15

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇناتسۇ