ئىككى شېئىر(ئەخەت ئابدۇرېھىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:15:42

ئىككى شېئىرئەخەت ئابدۇرېھىممېھىرلىك زوراۋانلىقگەج سۇۋاقلىق ئاپئاق تېمىمدىنبىر ئۆمۈچۈك چۈشتى يۈگۈرۈپ.ئىلاھىم! كەلمىگەيسەن قېشىمغا، دېدىم،بولغانتىم بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ.گويا ماڭا ئاشىق ...

    ئىككى شېئىر
    ئەخەت ئابدۇرېھىم



    مېھىرلىك زوراۋانلىق

    گەج سۇۋاقلىق ئاپئاق تېمىمدىن
    بىر ئۆمۈچۈك چۈشتى يۈگۈرۈپ.
    ئىلاھىم! كەلمىگەيسەن قېشىمغا، دېدىم،
    بولغانتىم بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ.

    گويا ماڭا ئاشىق كەبى ئۇ
    كەلدى مېنى ئۇدۇللاپ شۇئان.
    ئۇنداق قىلماقچى ئەمەستىم ئەسلى،
    ... پۇتۇم ئاستىدا بەردى بىردىن جان.

    ساراڭلاردەك ۋارقىراپ كەتتىم:
     ھەي! كەلمە دېمىدىممۇ، كەلمە دېمىدىممۇ؟!
    ئەمما، بولغۇلۇق بولۇپ بولغانتى
    ئۆمۈچۈك بولسىمۇ، يارىم بولسىمۇ...

    سۇنغان نۇر

    قارىساملا كۆرۈشۈم مۇمكىن
    ئانا يەرنى، تاشنى، دەرەخنى...
    قارىساملا ھەربىر نەرسىگە
    ھېس قىلىمەن، سۈزۈك يېيىلغان ئەخەتنى...
    يارىلىش قىسمىتىدە تەقدىر بىرلىكى
    ھەربىر نەرسىگە بەردى سۆيگۈمنى.
    تاش،
    تاشلار ئارىسىدا ياشاۋېتىپ
    ئىنسان توپىدىن كۆزەتتى مېنى.
    ئىنسان توپىدىن كۆزىتىلدىم
    كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ھەربىر نەرسىگە.
    بەلكىم ئۇلار مېنى كۆرۈپ
    تاس قالغاندۇر يىغلىۋېتىشكە...
    يارىلىش قىسمىتىدە تەقدىر بىرلىكى
    كەلتۈردى ئېھتىمال بىزنى بىر ئويغا.
    ئاجىزمەن
    ئاجىزلىق ۋەجىدىن يىغلاي
    دەپ تۇرسام، يىغلىماق بولىدۇ ئۇلار!
    قارىساملا كۆرۈشۈم مۇمكىن
    ئۆز-ئۆزۈمدىن باشقا ھەممىنى.
    گويا ئۇلار پارچامدەك
    يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ مېنى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.