بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : malika يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-01 12:38:51

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى كۆرەش، كۆرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. ...

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى

     

    كۆرەش، كۆرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

    ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    جاھانگىرلار يەر يۈزىدە تامام يوقالسا ،

    مەزلۇم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا.

    زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى ،

     

    ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن ئىشلىسەك ،

    ھەقىقەت يېڭى يولغا راسىت كىرىشسەك.

    باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    يوقسۇل ، مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،

    <<ئاھ.....نەيلەي، قىسىلدىمغۇ>> دېمىسە پەقەت.

    ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھرى-شەپقەت،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    ئېلىمىزدە ئىلىم -مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،

    دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،

    خائىنلارنىڭ يوللىرى كېسىلىپ تۇرسا،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    ھەر بىر يەردە زاۋۇت - فابىرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،

    تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،

    ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غاقىراپ تۇرسا،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    قەھىرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،

    قەھىرىمانلارچە ھەر بىر ئىشتا ھۇشيار تۇرسا،

    قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغلار يېقىلسا،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،

    ئىستىبداتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،

    ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    گوروھ -گوروھ زىيالىلار قىلسا خىزمەت،

    ھەر بىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،

    پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،

    ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كىرىپ تۇرساق،

    جوڭگۇنىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    ھەر بىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،

    قۇرۇپ تېخنىكا، ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،

    تەرەققىيات يولىدا ئەزىز جاننى ئاتىساق،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

     

    مۇتەللىپ ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،

    غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا،

    بۇ يولدا ۋارقىرا، ھەيۋەتلىك قورقمەي<<ھۇررا>>،

    بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

                                                               1938-يىلى ئاپرىل، غۇلجا.

     

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ