بولسۇن(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 14:05:59

بولسۇن مۇھەممەتجان راشىدىن گۈل بولساڭ گۈلگە خاس پۇرىقىڭ بولسۇن.ئۈنەرگە كەينىڭدە ئۇرىقىڭ بولسۇن.ئۈلگەڭدۇر ھىممەتلىك ھەسەل ھەرىسىكۆل بولساڭ ئۈزەرگە بېلىقىڭ بولسۇن . ئاسماندا ئاي بولغىن كۈن بولال...

    بولسۇن

    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

     

    گۈل بولساڭ گۈلگە  خاس پۇرىقىڭ بولسۇن.
    ئۈنەرگە كەينىڭدە ئۇرىقىڭ بولسۇن.
    ئۈلگەڭدۇر ھىممەتلىك ھەسەل ھەرىسى
    كۆل بولساڭ  ئۈزەرگە بېلىقىڭ بولسۇن .

     ئاسماندا ئاي بولغىن كۈن بولالمىساڭ .
    ئىسسىقىڭ بولمىسا يۇرىقىڭ بولسۇن.
     ئاسماندا ئاي بولساڭ ئۇنۇتما يەرنى .
    باي بولساڭ يادىڭدا چورىقىڭ بولسۇن.

    ئادەمگە تەس كۈن يوق تىلەپ يېمەكتىن،
    شۇندىنمۇ چىرايلىق تىلىكىڭ بولسۇن.
    ئىلاھىم بار بولغىن باي بولمىساڭمۇ
    بۇغدىيىڭ بولمىسا تېرىقىڭ بولسۇن.

    ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەندۇر ،
    شۇ سەۋەپ كەينىڭدە قۇلىقىڭ بولسۇن.
    دوستۇڭغا بېرەرگە يۈرىكىڭ تەييار
    قۇلۇڭدا ھەر دائىم بۇيىقىڭ بولسۇن .

    بارچىدىن ئۇزاقتۇر ئەتەڭنىڭ يولى.
    مىنەرگە ئۈمىدلەر ئۇلىقىڭ بولسۇن.
    قەدىرسىز قالغاننىڭ كۈنى قىيامەت
    سۇ بولساڭ ئاقارغا ئېرىقىڭ بولسۇن

    تىلىڭنىڭ تىزگىنى بىشىڭنىڭ بەختى
    قازىنىڭ بولغاندا تۇۋىقىڭ بولسۇن
    باتۇرغا بارچىدىن سەگەكلىك قىممەت
    كۈندۈزمۇ ياقارغا چىرىقىڭ بولسۇن.

    نۇمۇسقۇ ئىنساندىن قورقۇشتىن ئۆلۈش
    ھوشۇڭدىن كەتسەڭمۇ  تىنىقىڭ بولسۇن
    ئۆمۈرلۈك ئۆرۈلمەس مۇنار بولساڭمۇ
    يىنىڭدا ھامان بىر يۆلىكىڭ بولسۇن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.