دۆلەت ئەلا، مىللەت ئەلا(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 07:20:44

دۆلەت ئەلا، مىللەت ئەلالۇتپۇللا مۇتەللىپقارا بۇلۇتلار ئۇچۇرشىپ، چاقماقلار چاقسۇن، مۆلدۈر يېغىپ، دەريالار سەل بۇلۇپ ئاقسۇن.چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن، مەنزىل توسۇپ جاڭگاللار كۆكسى...

    دۆلەت ئەلا، مىللەت ئەلا
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ



    قارا بۇلۇتلار ئۇچۇرشىپ،  چاقماقلار چاقسۇن،
    مۆلدۈر يېغىپ،  دەريالار سەل بۇلۇپ ئاقسۇن.
    چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن،
    مەنزىل توسۇپ جاڭگاللار كۆكسىنى ياقسۇن.
    شۇ چاغدىمۇ دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    دېڭىز ئۇپقۇن ياساپ قىرغاقتىن تاشسۇن،
    جاھان قاپساپ جۇت بورانلار ھەددىدىن ئاشسۇن.
    تاغلار ئۆرۈلۈپ ئۆتكەل،  يوللارنى باسسۇن،
    يولدا پۇتلاش ئەجدىھا،  لۆجىلەر ياتسۇن.
    يەنە بەرىبىر دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    مىليون ئېغىر قورال_توپلار بىردىن ئېتىلسۇن،
    زەھەر گازلار،  ئىس_تۈتەكلەر ھەريان چېچىلسۇن.
    ئاندا چەكسىز جەڭۇ جېدەل مەيدانى ئېچىلسۇن،
    سىناشتا تەقدىرنىڭ تۈگۈنلىرى يېشىلسۇن.
    مەيلى ئوخشاش دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    يەرلەر تىترەپ،  تاغلار بىر_بىرىگە ئۇرۇلسۇن،
    سوقۇش (ئەۋلىيالىرى) نىڭ قارا كۈلى سورۇلسۇن.
    تاڭ نۇرىدا قارا زۇلمەت قوينى يورۇلسۇن،
    بىز كۈتكەن يېڭى گۈلباغ پارقىراپ قۇرۇلسۇن.
    شۇندىمۇ بىزگە دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    لۆجى ياپۇن مىجىقلىنىپ زىرى_زوبون بولسۇن،
    گىتلېردىنمۇ دۇنيادا نامۇ ئەسەر قالمىسۇن.
    زۇلمەت،  غەۋغا تائەبەتكە كەتسۇن_يوقالسۇن،
    ئۇجۇقسۇن زومىگەرلەر ھېچ قوپالمىسۇن.
    ھەر سىناشتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر،
    ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر.
    بەس،  ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر،
    تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر.
    ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!

    جانلىنىش،  كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى،
    ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى.
    بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى،
    بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى.
    ئالغا چامدا،  دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.