ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر(ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : Alma يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-27 19:34:00

ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر(ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر) <ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايتماس ئىزىدىن ئارسلان>، بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان. مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن،چاقسۇن يە...

     ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر
    ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر(ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر)

    <ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايتماس ئىزىدىن ئارسلان>،
    بىلسە ئادەم،  بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر  ئىمتىھان.

    مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن،چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،
    بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا   مەڭگۈ بىدار باغىبان.

    تەنە- تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،
    ھەممىسى بىتتى، لېكىن  قالدى ھېكىمدىن نام- نىشان.

    بىر ماقال باردۇر <كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس>ئىمىش،
    يولچىغا  مەنزىل توشامدۇ   بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.

    مەيلى چىقسۇن بورىنى،  ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،
    كەل نىگار،   ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!

     

                                                          <ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر>1969-يىلى 20-ئىيۇن

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 16:22:04]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.