خىيالچان تىلەك(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 07:47:27

خىيالچان تىلەكلۇتپۇللا مۇتەللىپتېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل ...

    خىيالچان تىلەك
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ



    تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،
    چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
     
    مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،
    تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.
     
    خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
    ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
     
    لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،
    تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
     
    جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟
    ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.....
     
    نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
    سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ  يۈرەكلەرنى.
     
    ئەزەلدىنلا خىيالچان.....مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
    تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
     
    سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام،
    ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.