چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 08:42:56

چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىم دىگەن ئۇزۇن كېچە، ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى، چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ، تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى. چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ، ئۇخلاق جاھانىم ئويغانسۇن،مېنى...

    چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


    نىم دىگەن ئۇزۇن كېچە،  ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى،
    چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ، تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى.

    چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  ئۇخلاق جاھانىم ئويغانسۇن،
    مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى رەيھانىم ئويغانسۇن.

    چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  يارنى چىللاپ ئويغىتىڭ،
    يۈزىگە قانات يېيىپ،  ئاستا سىپاپ ئويغى تىڭ.

    ئاچسا يارىم كىرپىكىنى يەنە ئۇيقۇ باسمىسۇن،
    ئۇيقۇ بىرلە مەن غېرىپنى مەڭگۈ تاشلاپ ئەتمىسۇن.

    چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  تاڭ ئاتىدۇ دەپ چىللاڭ،
    تاڭ ئالدىدا يارىڭىز سىزنى كۈتىدۇ دەپ چىللاڭ.

    چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ، چىللاڭ ئۇ گۈلۈستانغا،
    يارىم ئويغانسا خەۋەر بېرىڭ مەن باغرى قانغا.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:28:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.