يىراقتىن خەت (ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ )

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-27 02:26:00

يىراقتىن خەت يېقىندا پوچتىكەش ئېپ كەلدى بىر خەت .يېزىلغان بەك يىراق بىر مەملىكەتتىن. ئوقۇپ كۆرسەم تونۇش بىر كىمسە يازغان، باياندۇر كۆز يېشى ، ھەسرەت ۋە دەردتىن. 1شۇ يەردە توختىتاي ئەمدى سالام...

    يىراقتىن خەت

    يېقىندا پوچتىكەش ئېپ كەلدى بىر خەت .
    يېزىلغان بەك يىراق بىر مەملىكەتتىن.
    ئوقۇپ كۆرسەم تونۇش بىر كىمسە يازغان،
    باياندۇر كۆز يېشى ، ھەسرەت ۋە دەردتىن.
                        1
    شۇ يەردە توختىتاي ئەمدى سالامىم،
    ئىشىت دوستۇم، ساڭا ئېيتاي كالامىم.
    بەخت ئىزلەپ يىراقلاردا ساراڭدەك،
    كېزىپ يۈردۈم شامال سوققان غازاڭدەك.
    ماڭا نەدىكى قۇت(بەختۇ ئامەت)،
    جىگەر پارە، چېكىپ دائىم مالامەت.
    تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى بېشىمدىن.
    ئېتەكلەر قۇرۇماي ئىسىق يېشىمدىن.
    جاھاندا قالمىدى مەن تارتمىغان دەرد،
    ھەمىشە ھەمراھىمدۇر دەردۇ ھەسرەت.
    گاھى مەن پۇلمۇ تاپتىم، يولمۇ تاپتىم
    ۋە ھەتتا يۈز تېپىپ «جاناب» ئاتالدىم.
                       2   
    نېرى كەتمەس كۆزۈمدىن بالا چاغدا،
    پاكار سوقما تاملىق گۈللۈك باغدا
    ئېچىلغان خۇش پۇراق غۇنچە- چېچەكلەر،
    چېچەكلىكتە ئۇچقان گۈل كېپىنەكلەر.
    ئېسىمدە بىللە ئۆسكەن ئاشۇ مەلە،
    پادا باققاچ يېشىل چىملىقتا بىللە.
    يالاڭغاچ چۆمۈلۈپ ئۆستەڭدە ئويناپ،
    يېتىپ قۇملۇقتا تەننى كۈنگە قاقلاپ،
    بۇلاق سۇلىرىغا نان چىلاپ بىز
    قاقاقلاپ، تالىشىپ يېگەن چېغىمىز.....

    ئېسىمدە چۇرقىراپ بىز «ۋەللەي» ئۇيناپ،
    كېيىكتەك سەكرىشىپ، ئۆلەڭنى بويلاپ،
    يۈگەنسىز تاي كەبى ئۆتكەن گۆدەكلىك،
    غەمۇ ئەندىشىسز ئۆتكەن گۆدەكلىك.

    كۆزۈمدىن نېرى كەتمەس شۇ زامانلار،
    ئېتىز- قىرلاردىكى چەللە باراڭلار؛
    ۋە لېكىن نېمىدۇر بىر نېمەم كەم،
    تېشىم كۈلگەن بىلەن كۆڭلۈم چېكەر غەم.
    يېيىلسا نازۇ نېمەت داستىخانىم.
    نېچۈكتۇر سىرقىرار جان، ئۇستىخانىم.
    يېتەر يادىمغا شۇئان قوۋم - قېرىنداش،
    كۆزۇمگە لىق تولۇپ تەكرا ئىسىسق ياش.
    كېلەر ئەسكە ئۆتمۈش بىر رىۋايەت:
    سۇلايمان ئىچمىگەن سۇدىن ھېكايەت.

    يېشىل قارىغاي ئېگىز تاغلار ، ئېدىرلار،
    چىمەنگە پۇركىنىپ ياتقان شۇ قىرلار؛
    چۇرۇقلاپ تولغىنىپ ئاققان ئېرىقلار،
    ئىغاڭلاپ ئېتزدا بۇغداي - تېرىقلار؛
    بۇغا بىر لەن مارال جۈپ - جۈپى بىرلە،
    غاز، ئۆردەك ۋە كەكلىك ئۆز توپى بىرلە‏-
    تاماشا ئەيلىگەن شۇ دالا- تۈزلەر،
    شۇ تۈزلەڭدە سوزۇلغان كەڭرى بوزلار؛
    يېيىلغان مال تولا يايلاق ۋە ئوتلاق،
    قوش ئەمچەكلەر ئېمىپ قوزا ۋە تايچاق؛
    ئىدى ھۆسنى بىلەن زەپمۇ دىلارام،
    نەسىپ بولغايمۇ ئاندا ماڭ ئارام؟
    چېلىنغاندەك بوۋاي قەمبەر دۇتارى،
    قوشۇلغاندەك يەنە قەشقەر ساتارى.
    سەھەر بۇلبۇل ناۋاسى ئەۋجى ئالغاچ،
    ۋىچىرلاپ قارلىغاچ ۋە قارا قۇشقاچ.
    قاناتلان سەنمۇ ئۇچ دەيتتى پىچىرلاپ،
    قالاتتىم زوقلىنىپ، جېنىم تېپىرلاپ.
    سېغىندىم ئاشۇلارنى، بەك سېغىندىم،
    كىسەللىكتەك بىلىنمەكتە سېغىنچىم.
    نەسۋىم بارمىدۇ كۆرمەككە قايتا
    ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ تا.      
                    3
    مېنى سورىساڭ پىراقتا سارغىيپمەن،
    كۈنۈم ياخشى لېكىن مۇندا غېرىبمەن.
    نە جان دوست - سىردىشىم، نە ھەمراھىم بار،
    ئىچىم پۇشقاندا نە مۇڭداشقىلى يار.
    قەيەردە، توي - تۆكۈن، مەشرەپ ناۋاسى،
    ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ناغرا ساداسى!
    قەيەردە، باشقا چۈشسە بىر پالاكەت،
    كۆڭۈل ئېيتىدىغان يارۇ جامائەت!
    مانا پەرزەنتلىر ئىممۇ بويىغا يەتتى
    ۋە ھەتتا بەزىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.
    قېنى لايىق كېلىن ياكى كۇيئوغلۇم؟
    ئېچىلمايدۇ شۇڭا غەمخانە كۆڭلۈم.
    قەيەردە،ئانا تىل مەكتىپى، دەرسى،
    ۋەتەننىڭ ئەنئەنە پارلاق مىراسى؟
    ئۆزۈم باشقا، بالام باشقا بىر ئىقلىم،
    تىلى ھەم باشقىچە، ھەيرەتتە ئەقلىم!
    ئۇنىڭ ئۈسىتگە بىر كۈن يەتسە سائەت،
    ئۆمۈرنىڭ كوزىسى سۇنغۇسى ئەلۋەت.
    قالارمۇ سۆڭىكىم شۇ ياقا يۇرتتا،
    قوشۇلماستىن ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا.
    شۇ غەملەر ئىچرە جان دائىم بىئارام
    ئۆتەر ھەسرەت ئىچىدە، ئەي دىلارام
                       4
    شۇڭا يازدىم ساڭا خەت ، كۆزدە ياشىم.
    مۇرۇۋەت قىل ماڭا دوستۇم، قاياشىم.
    ئەۋەتكىن ماڭا ئازراق توپا - تۇپراق،
    يەنە بىر تال غازاڭ ۋە ياكى ياپراق.
    قىلاي مەن تۇتىيا ھازىر كۆزۈمگە،
    تەسەللى بولغۇسى شۇ ئۆز - ئۆزۈمگە.
    ئەگەر ئۆلسەم لەھەتكە بىللە قويسۇن،
    ۋەتەن تۇپراقىغا تېنىم قوشۇلسۇن.
    ئۈمىدسىزلىك، لېكىن ئۇ - پەيلى شەيتان،
    ئەجەبمەس ماڭا ھەم تېپىلسا ئىمكان،
    ئىشتسەم ھەر تەرەپتىن غايىبانە،
    تولا ياخشى بولۇپ قاپتۇ زامانە.
    ھەرەمنى ئالتە رەت قىلدىم زىيارەت،
    ئەگەر يەتتىنچىسىگە بولسا پۇرسەت،
    قىلۇرمەن ئۆز ۋەتەننى سەجدىگاھىم،
    سۈرۈپ تۇپراقىنى كۆزۈمگە دائىم......

           --------------بۇ شېئىر مەرھۇم شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:27:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.