كۆزلەر بالاسى(ئەخەت كەلپىن ئىنسانى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:59:49

كۆزلەر بالاسىئەخەت كەلپىن ئىنسانىكۆزۈڭنىڭ ئىچىگە قارىغانسېرىدۇنيا مۇشەققىتىگە قالدىم ئەي ئايال!ئۇندىن قايتىپ چىقماقنى ئىستەپتاپالمىدىم ھېچقانداق ئامال...مۇنداق قارىماسلىقىم كېرەكتى ساڭامۇندا...

    كۆزلەر بالاسى
    ئەخەت كەلپىن ئىنسانى


    كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە قارىغانسېرى
    دۇنيا مۇشەققىتىگە قالدىم ئەي ئايال!
    ئۇندىن قايتىپ چىقماقنى ئىستەپ
    تاپالمىدىم ھېچقانداق ئامال...
    مۇنداق قارىماسلىقىم كېرەكتى ساڭا
    مۇنداق قارىماسلىقىڭ كېرەكتى ماڭا
    مۇنداق قاراشتىن بالا تېرىلاتتى...
    مەن چىدىيالمىدىم
    چىداش زۇلمىتىدە تىتما - تالان بوپ.
    ئېيتقىن! بۇ ماڭا نېمە تارتقۇلۇق
    مەن ئۆزۈمگە سالدىممۇ قۇلۇپ
    چىقىش يولۇمنى ھىم ئېتىپ تۇرۇپ؟!
    كۆزۈڭنىڭ ئىچىدە قالدىم قاپسىلىپ،
    كۆزۈڭنى يۇمۇقلۇق دېسەم، بۇ يالغان!
    يۇمۇقسىز كۆزۈڭدىن چىقىپ كېتەي دەپ
    بىر تەلۋە ئاشىقمەن ئىچىگە ماڭغان...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.