تىل ۋە تىلشۇناس(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 09:43:12

تىل ۋە تىلشۇناسئادىل تۇنىيازتىل بىز بىلەن، تىلشۇناس قىنى؟ئاق قەغەزدە ھازىدار سۆزلەر.قارا سۆز ئىزلەر كىرپىكىنى،كوچا تەۋرەيدۇ ياش يۇقى كۆزلەر.كەتتى كوچىمىزدىن ئىمىن تۇرسۇن،تىرەكلەر توختىدى ئۆ...

    تىل ۋە تىلشۇناس

    ئادىل تۇنىياز
     
     
    تىل بىز بىلەن، تىلشۇناس قىنى؟
    ئاق قەغەزدە ھازىدار سۆزلەر.
    قارا سۆز ئىزلەر كىرپىكىنى،
    كوچا تەۋرەيدۇ ياش يۇقى كۆزلەر.
     
     
    كەتتى كوچىمىزدىن ئىمىن تۇرسۇن،
    تىرەكلەر توختىدى ئۆز ئىزىدا.
    بىر توپ ئۇيغۇر تالادا تۇرسۇن،
    ئاقساقىلىنىڭ نامىزىدا.
     
     
    ئاسمان گۈمبىزىدە كۈن ۋە ئاي بار،
    كەم يېرىنى ئىنسانلار قۇرسۇن.
    ئالەم تىلىنى بىلمىسە ئۇلار،
    ئۇلار ئالەمنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن.
     
     
    «قازان ئېيتار تۈۋىم ئالتۇن
    چۆمۈچ ئېيتار مەن نەدە مەن»*
    دۇنيا سۇلتانىدىن كىمگە قالسۇن؟
    ئۆلۈم ئاتلىق بىر شەھەردە مەن.
     
     
    ئاسماندىن پەس بىر قانچە ئادەم
    مۇزدەك بوشلۇقتا تۇرىدۇ ماراپ،
    تارىمدىن چىققان بىر تامچە ئادەم
    كەڭ ئانا تۇپراققا كەتتى تاراپ...
     
     
    ھاياتىمىز ئوخشار تىلماچقا،
    بىر ھەرپ بىز بىلەن ئۆلۈم ئارىسى.
    تىلشۇناس ئۆلۈمنى تەتقىق قىلماقتا،
    بىز مەڭگۈلۈك تىلنىڭ ۋارىسى.
     
     
     
    بۇ ماقال «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئېلىندى.*
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.