مۇھەببەتنىڭ ئوڭ كۆزى(ئوسمان قاۋۇل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:42:58

مۇھەببەتنىڭ ئوڭ كۆزىئوسمان قاۋۇلD مېھمانسارىيىتەشنالىقتا ئىزدىسەك ماكان،چاقچاق قىلار چاچلارغا شامال.پەردىلەرنىڭ يېنىك تەۋرىشى،خانىمىزنى ئەيلىگەن قامال.غۇۋا چۈشكەن نۇرنىڭ شولىسى،كىرپىكلەردە ئ...

    مۇھەببەتنىڭ ئوڭ كۆزى
    ئوسمان قاۋۇل

    D مېھمانسارىيى

    تەشنالىقتا ئىزدىسەك ماكان،
    چاقچاق قىلار چاچلارغا شامال.
    پەردىلەرنىڭ يېنىك تەۋرىشى،
    خانىمىزنى ئەيلىگەن قامال.
    غۇۋا چۈشكەن نۇرنىڭ شولىسى،
    كىرپىكلەردە ئوينايدۇ تال - تال.
    مەس ۋۇجۇدلار مامۇق تۆشەكتە،
    چۈش كۆرىدۇ تاتلىق، بۇ نە ھال.
    پۇراپ - پۇراپ تويۇشمىغاندا،
    ياش لىغىرلار چاناقتا دەرھال.
    مەي باغلىغان يۈرەكلەر چوغدەك -
    يېلىنجىسا لەۋ دەر جاننى ئال!

    كۆرۈلمىگەن مۆجىزىغۇ بۇ،
    روھ بولدىمۇ سىمابقا تىمسال.
    مايغا ئىككى بولغان شۇ ئەسنا،
    كۆكرەكلەردە ياندى نۇر ۋال - ۋال.
    يەلكىلەردە مەرۋايىت تەرلەر،
    نەپەسلەردىن تىلەيدۇ شامال.
    بوشلۇقلاردا ئۇچقان ئەتىرلەر،
    دىماقلارغا كىرەر بىمالال.
    سۇنىڭ تىم - تىم چۈشكەن ئاۋازى،
    سۆيۈپ ئۆتسە توشقانچىقىم لال.
    مەي باغلىغان يۈرەكلەر چوغدەك -
    يېلىنجىسا لەۋ دەر جاننى ئال!

    تاڭچىلاردا گۈللەر جۇلالىق،
    بەختلىك تەن شۇنچىلىك خوشال.
    ئوماق كۆزۈڭ ئەجەپ خۇمالىق،
    دەيمەن شۇڭا جېنىمنى سەن ئال.
    خىيابانلىق دۇنيايىمىزدىن،
    يايراپ تىنماي قويارمىز سوئال.
    تاشلىنىدۇ قۇچاققا پات - پات،
    بىر دەستە نۇر كەتكەندە ماجال.
    تىنىق، پەردە، گىلەم، ئېتەكلەر،
    يۇمشاقلىقتا بۇلۇتقا مىسال.
    مەي باغلىغان يۈرەكلەر چوغدەك -
    يېلىنجىسا لەر دەر جاننى ئال!

    مەي باغلىغان يۈرەكلەر چوغدەك -
    يېلىنجىسا لەر دەر جاننى ئال.
    يا بولمىسا كۆزۈڭنى يۇمۇپ،
    يۈرىكىمگە خەنجىرىڭنى سال!...

    جان سېنىڭ

     قەلب دېگەننى بىر تامچە ياش، بىر كۇبلېت شېئىر بىلەن قوشۇپ خەققە بارگۈلۈك.
     تاگور «باغۋەن»دىن

    1

    ئىككى قوللاپ تۇتتۇم قەلبىمنى،
    كۆز يېشىمدىن بىلىۋال ئۇنى.
    چۈشەنسەڭ گەر قىممەت - قەدرىمنى،
    ياسىۋانىڭ قىلىۋال مېنى.
    شۇندا جېنىم دەيمەن ئامرىقىم،
    باش ئۈستۈمدە كۆتۈرۈپ سېنى.

    2

    مەن تېگىشتىم ساڭا دۇنيانى،
    مەنسىتمىدىم ئۆزگە رەنانى.
    ئۆتتى كۈنۈم شۇنچە مەنالىق،
    ئىشەن بۇ سۆز قەلبىم بايانى.
    سەن جىگىرىم، سەن بەختىم مېنىڭ،
    مىزان قىلغان شەرمى - ھايانى.

    3

    ئالقىنىڭدا تەقدىرىم يىپى،
    لىغىرلايدۇ جېنىم سىمابتەك.
    مەدەت تىلەر روھىم سېنىڭدىن،
    چۈنكى تېنىم بولدى كاۋاپتەك.
    بېلىق بولۇپ ساڭا تەئەللۇق،
    دېڭىزىڭدا ئۈزدۈم كاراپتەك...

    4

    تەشنا بولۇپ يىلنى ئۆتكۈزۈپ،
    بەردىم جاننى ئالغىن قولۇڭغا.
    ئاقاي دېدى كۆزۈم قارچۇقى،
    ئۆلۈپ كەتمەي قاراپ يولۇڭغا.
    كۆز تاشلىغىن ئەتراپقا پات - پات،
    روھىم ئوينار ئوڭۇ سولۇڭدا...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.