ئۆز شەھرىدىكى ئۇيغۇر(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:23:11

ئۆز شەھرىدىكى ئۇيغۇرئادىل تۇنىيازبارغانسېرى كۈپىيىپ كەتكەن....كۆنۇكمەن،يامغۇر مەنزىرسى،غېرىبلىقدائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.ئۇچىرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،ساقچى،قەلەندەر يىڭى بىناقىستاڭچىلىق،تۇز ...

    ئۆز شەھرىدىكى ئۇيغۇر
    ئادىل تۇنىياز


    بارغانسېرى كۈپىيىپ كەتكەن....
    كۆنۇكمەن،
    يامغۇر مەنزىرسى،غېرىبلىق
    دائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.

    ئۇچىرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،
    ساقچى،قەلەندەر يىڭى بىنا
    قىستاڭچىلىق،تۇز ۋە باشقا نەرسىلەر.

    بىردىنلا پەيدا بولغان ئارتۇق ئادەمسەن،
    كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلەپ
    جىمجىت كىسىشكەندە
    ئەڭ ئىگىز راۋاقنىڭ ئۇچى بىلەن،
    ياكى
    ئىسمىڭ سەۋەبىدىنلا مەۋجۇتسەن.

    سىقىلغان كېچە،
    ئاياللارنىڭ نۇر چەمبىرىكى
    توپلانماقتا ھاياجان.
    ئەر مىللىەت
    ئەردۇر ھامان.
    غەم كىلىدۇ ئاققۇنلاردەك
    غەم قارا ھەم نامەلوم رەڭدە.

    مىنى تىرىلدۇردى بۇقىدەك
    پاچاقلېرىڭ ئارسىدا
    ئىچىلىپ قالغان
    بىر تال چوڭقۇر گۈل.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.