ناتونۇشتەك بىلىنمەكتە تەندە جان

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-28 19:58:14

ئاھ، ئەجەپمۇ ئېغىر ئېغىر تىنارمەن، ئوچاقتىكى ئوتقا قاراپ، پەرىشتەم. ئوتۇننىڭغۇ ئوتتا ھاسىل مۇرادى، ھالا مېنىڭ جۇپ كۆزلىرىم بولۇر نەم.

    ناتونۇشتەك بىلىنمەكتە تەندە جان

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىيقى


    گۇناھلىرىم ئارامىمغا چاڭ سېلىپ،
    تۇنجۇقتۇرماق بولسا تۆككەن يېشىمدا.
    قالدى نەدە؟ تەسەللىي دەپ بىلگىنىم،
    سەۋدالىرىم بولدى سەللە بېشىمدا.

    ئۇزۇن ئۇزۇن تۇننىڭ رەنجى بىلىنمەس،
    تاڭلار بەلكىم مەندىن بىغەم ھەقىچان.
    ۋېسال رەڭگى تاتارغانمۇ يۈزۈمدەك،
    ناتۇنۇشتەك بىلىنمەكتە تەندە جان...


    باش ئەمەستۇر مۆرەمدىكى، بەلكى تاش!
    سەركەشلىكنىڭ ئەپسۇنىدا ئوقۇلغان...
    كېپەندۇر ھەم ئۇچامدىكى ئۈستىۋاش،
    شەيتىنىمنىڭ قوللىرىدا توقۇلغان....


    ئاھ، ئەجەپمۇ ئېغىر ئېغىر تىنارمەن،
    ئوچاقتىكى ئوتقا قاراپ، پەرىشتەم.
    ئوتۇننىڭغۇ ئوتتا ھاسىل مۇرادى،
    ھالا مېنىڭ جۇپ كۆزلىرىم بولۇر نەم.

    لەۋزىم قېنى؟ قېنى قىلغان تەۋبە ھەم
    نېچۇن باغلار ئۇزۇن ساچىڭ بېشىمنى...
    نېچۇن راھەت بىلىنەر شۇ مەئسىيەت،
    تارام-تارام ئاققۇزسىمۇ يېشىمنى...

    ھەقسىزلىككە مۆھۇر بولدى تىنىقمۇ،
    يۇيۇش ئۈچۈن نەدىن ساۋاب تاپارمەن؟
    ئامانەت قىپ ساقلاتقىنىم گۇناھكەن،
    سولدىن كەلسە ئەمەل، نەگە قاچارمەن؟


    2009-يىل 18-ئاپرېل
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.