ۋىجدان مۇھەممەتجان راشىدىن

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 14:11:54

ۋىجدان مېنىڭ ياقامدىن سىقتى، ۋىجدان مىنى بالاغا تىقتى. مەن ۋىجداندىن نىجاتلىق كۈتسەم ،جىمى پىشكەل ۋىجداندىن چىقتى . شۇڭا بىرى ئۇنداق ۋىجداننى، يوقات نېرى سېتىۋەت دېدى.ساڭا ئوخشاش ۋىجدان دېگەنن...

    ۋىجدان

     

    مېنىڭ ياقامدىن سىقتى،
    ۋىجدان مىنى بالاغا تىقتى.
    مەن ۋىجداندىن نىجاتلىق كۈتسەم ،
    جىمى پىشكەل ۋىجداندىن چىقتى .

    شۇڭا بىرى ئۇنداق ۋىجداننى،
    يوقات نېرى سېتىۋەت دېدى.
    ساڭا ئوخشاش ۋىجدان دېگەننىڭ.
    چىشلىرىنى چېقىۋەت دېدى.

    ئايالىممۇ دېدى ۋىجدان دەپ .
    قالمىدىغۇ كۆرمىگىنىڭىز .
    بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ،
    قالدى پەقەت ئۆلمىگىنىڭىز. 

    پۇلىڭىز بار ۋىجدانىڭىز يوق،
    كىم ۋىجدانغا بەردى بىر ناننى.
    ئاچ-توق يۈرەر باللىرىڭىز،
    سېتىۋېتىڭ ئۇنداق ۋىجداننى.

    بۇ گەپلەرگە چىداش ئاسانمۇ ،
     ئۆلىۋالاي دېسەم جان تاتلىق.
    ئاسمان يىراق چىقىپ كەتمەككە،
    كىرىپ كېتەي دېسەم يەر قاتتىق.

    ماڭا كەسىپ تولىغۇ ئاخىر،
    نان ساتىمەن ۋىجدان ساتمايمەن.
    قانداق كۆنەي ۋىجدانسىز ياشاپ،
    قان ساتىمەن ۋىجدان ساتمايمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر