<غىرىپ ھويلا>ناخشاتىكىستى

يوللىغۇچى : غۇلجائوغلى يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-03 05:52:00

كەلدىم ئاناقەبرىڭىزگە مەن،بالىڭىزغا قەدرىڭىزئۆتۆپ.ئاتام قالدى غىرىپ كەپىدەك،ئۆيىمىزدەخىيالغاچۆكۈپ. غىرىپ بولدى يۇغان ھويلىلا،ئۆيىمىزنىڭ چىرىقى ئۆچۈپ.خوشاللىقى ئائىلىمىزنىڭ ،نەلەرگىدۇ كەتكەندە...

    كەلدىم ئاناقەبرىڭىزگە مەن،
    بالىڭىزغا قەدرىڭىزئۆتۆپ.
    ئاتام قالدى غىرىپ كەپىدەك،
    ئۆيىمىزدەخىيالغاچۆكۈپ.

    غىرىپ بولدى يۇغان ھويلىلا،
    ئۆيىمىزنىڭ چىرىقى ئۆچۈپ.
    خوشاللىقى ئائىلىمىزنىڭ ،
    نەلەرگىدۇ كەتكەندەك كۆچۈپ.

    ئوتىرىدۇ ئشىك ئالدىدا،
    سىزنى ئاتام ھەركۈنى كۈتۈپ.
    ئەنسىرەيمەن ئاتاممۇسىزدەك،
    كىتەرمۇدەپ كۆزۈمدىن يۈتۈپ.

    ئىلىپ كەتمەڭ،ئاتامنى ئانا،
    مىنى دەرتلەركەتمىسۇن يۈتۈپ.
    تۇرۇپ بەرسۇن ئاتام بولسىمۇ،
    ئىلىپ باراي ھەرەمگەيۈدۈپ........

    ..............................................

    بالام سىنى كۆرگۈم كىلىپ

    كۈنگەباقتىم، ئايغا باقتىم،
    بالام سىنى كۆرگۈم كىلىپ.
    كىچە-كۈندۈز، سىنىڭ غىمىڭ،
    يۈرىكىمگە دەرتنى سىلىپ.

    ياش قۇرمىدى كۆزلىرىمدىن،
    سىنى دائىم خىيال قىلىپ.
    خوش بولاردىم قانچە بالام،
    سەندىن خەۋەرقالساكىلىپ.

    سىنى تۇققان گۇناھ مەندە،
    يۈرىكىمنى كەتتىڭ تىلىپ.
    دىرىكىڭنى ئالالمىدىم،
    نەلەردەسەن،بولدۇڭ غىرىپ.

    كۈنگە باقتىم، ئايغا باقتىم،
    بالام سىنى كۆرگۈم كىلىپ.
    مىھرىم بىلەن پىشانەڭگە،
    يىنىپ-يىنىپ سۆيگۈم كىلىپ.

    ......................................

    كىچىكتىم

    يىغلاي دىسەم كىچىكتىم،
    ئۆلەي دىسەم كىچىكتىم،
    ئاتام بىلەن ئانامنى،
    كۈتەي دىسەم كىچىكتىم.

    ئانام بولسا ئاي ئىدىم،
    ئاتام بولسا تاي ئىدىم،
    شۇ چاغلارنىڭ قەدرىگە،
    يىتەي دىسەم كىچىكتىم.

    يىتىم قىلدى بەڭۋاشلىق،
    بىرەي قانداق بەرداشلىق،
    ئەسقاتمىدى بۇ ياشلىق،
    ئەمدى بەكمۇ كىچىكتىم.

    ..................................

    كۈندەك بول

    <ئەلگەكىرسەڭ ئىلىڭچە،سۇغاكىرسەڭ بىلىڭچە>
    زۆرۆر بولسا ئەل ئۈچۈن سەنمۇ بىر كۈن كىرەك بول.
    سايە چۈشسۇن سىنىڭدىن ، ئەل -ئاۋامنىڭ بىشىغا،
    باھار-يازىڭ كەتسىمۇ، قۇرمايدىغان تىرەك بول.

    پەرىشتىدىن شەيتىنى تولادۇنيابۇدىگەن،
    ئەقىل شامىڭ ئۆچمىسۇن بىخۇتلاشما،سەگەك بول.
    ئارغامچىسى ئەزەلدىن ئۇزۇن ئالەم بۇدىگەن،
    ئىناۋەتنىڭ كۆكىدە ئگىزئۇچقان لەگلەك بول.

    كۆڭۈل دىگەن كۆڭۈلدىن سۇئچىدۇ ئەمەسمۇ،
    ياخشىلارغايان تاياق،ئاجىزلارغايۆلەك بول.
    شاپائەتنىڭ نۇرلىرى يىغىپ تۇرسۇن سىنىڭدىن،
    ساخاۋەتتەگوياكى ئاسماندىكى كۈندەك بول.

    .........................................................

    ئەسەرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقوقى مەندە قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ،ئۆزگەرتىپ ئشلەتمەڭ،ئشلەتمەكچى بولسىڭىز ،مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.09994320837،،،،13679917753

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق