كىتەر ھەممە

يوللىغۇچى : baturtayqak يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-30 16:29:44

كىتەر ھەممەكىتەر پۈتۈنلاكىتەر مەنزىلسىزكىتەر يىراققاشۇ مەلئۇنلارشۇ ئىشەنچسىزلەر .كەتمەكتە قارا بۇلۇتتەكبىر توپ ئەرۋاھلارنە تىرىكلىگىنى بىلگىلى بولماس.كەتمەكتە جىسمى ئۇلۇغلارنىڭقالدۇرۇپ روھى...

     

    كىتەر ھەممە
     
     
     
    كىتەر پۈتۈنلا
    كىتەر مەنزىلسىز
    كىتەر يىراققا
    شۇ مەلئۇنلار
    شۇ ئىشەنچسىزلەر .
    كەتمەكتە قارا بۇلۇتتەك
    بىر توپ ئەرۋاھلار
    نە تىرىكلىگىنى بىلگىلى بولماس.
    كەتمەكتە جىسمى ئۇلۇغلارنىڭ
    قالدۇرۇپ روھىنى نۇرلۇق چىراقتەك
    خۇددى كەتمىگەندەك
    ئارىمىزدا كۈلۈپ يۈرەر
    بىزگە تەسەللى بىرىپ.
    سەن كەتمە چىدىمايدۇ يۈرۈگۈم
    ياخشىلىقىڭ ئەللىك بىر پىرسەنت
    تارتىشىدۇ قەلبىم ئۇيغۇرغا.
    يەر تېگىدىن ياكى ئاسماندىن
    كۆرمەك بولۇپ سىنى پەرىشتە
    ماراپ يۈرەر كىچە ۋە كۈندۈز.
    سەن كەتمە
    چىدىمايدۇ يۈرۈگۈم
    چىدىمىغاندەك
    لەغمەنگە.
    بىر كۈن بولسىمۇ كۆرىۋالاي سىنى
    بىر كۈن بولسىمۇ روھ باغرىمغا
    بېسىۋالاي سىنى
    خۇددى قۇچقاچ بالىسىنى باسقاندەك.
    كەتمە
    كەتمە
    كەتمە
    كۆز ياشلىرىم
    خۇشاللىقتۇر سەن بىلەن.
    كەتمە
    ئۆلسەك بىللە ئۆلەيلى
    تىرىلسەك بىللە تىرىلەيلى
    مۇشۇ زىمىندا.....
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.