مەشۇقۇم زاكىرنى كۆرسۇن ئىچرە يوق

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-23 11:13:02

پارچىلارزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىساقىيا! قۇيغىن قەدەھكە تولدۇرۇپ،مەن كېتەي مەسلىكتە بارنى ئۇنتۇلۇپ.مەشۇقۇم زاكىرنى كۆرسۇن ئىچرە يوق،جەزبىدىن ياتقاننى ھەردەم ئاھ ئۇرۇپ...ــــــــــــــــــ...



     پارچىلار

     زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

     ساقىيا! قۇيغىن قەدەھكە تولدۇرۇپ،

    مەن كېتەي مەسلىكتە بارنى ئۇنتۇلۇپ.

    مەشۇقۇم زاكىرنى كۆرسۇن ئىچرە يوق،

    جەزبىدىن ياتقاننى ھەردەم ئاھ ئۇرۇپ...

     ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-

    سۆز بىھاجەتكى مۇھەببەت-سۆيگۈدە،

    قىلسا دەۋا سۆيگۈ دەپ تىل، دىل زېدە.

    تەلتۈكۈس ئۆرۈلسە «مەن»لىك تاملىرى،

    يۈز ئاچار سۆيگۈ شۇدەم ئۆز ئەھلىگە...

     

    2011-يىل 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.