مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !(قاسىم سىدىق)

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 13:25:20

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق ! (قاسىم سىدىق) ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،ئادەملەرنى ق

    مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !
            (قاسىم سىدىق)

     

    ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،
    ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش.
    ئېسىپ ئۇرۇش،كۆزىنى ئويۇش،
    دىمىقتۇرۇپ سۇغا چۆكتۈرۈش.
    لېكىن قىزلار ئۈچۈن ئويۇنكەن،
    يىگىتلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈش.


    بۇ گۇناھقا كەلمىدى جازا،
    قازى كالان يېگەنمۇ پارا؟
    پىچاق سالماي،يېقىنمۇ كەلمەي،
    قىلىۋەتتى قەلبىمنى يارا.
    تا ئەزەلدىن قايسى ئەۋلىيا،
    قىلالىغان بۇنى ئىختىرا.


    گاھى ئاستا كۈلۈپ قويىدۇ،
    تەلپۈنۈدۇ كۆڭۈل بۆلەكتىن.
    گاھى مۆكۈپ ئالار نەگىدۇر،
    يوقالغاندەك قەمەر پەلەكتىن.
    ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،
    دەردى ئۆتۈپ كەتتى يۈرەكتىن.


    كېچىلەردە بولدى چىرىقىم،
    ئامرىقىمغا قايتا يېلىندىم.
    ئوت ئويناشقا ئامراق قىز ئىكەن،
    مەن ئۇنىڭغا ئوتۇن بىلىندىم.
    ئوتۇن بولسام قىينالماس ئىدىم،
    قىز قولىدا قەتلى قىلىندىم.


    مانا روھىم تىرىلدى قايتا،
    بولدى ئەمدى ھوزۇرۇم تۇپراق.
    توۋۋا،توۋۋا،قەبرەمگە يەنە،
    ئاشۇ قاتىل بوپقالدى چىراق.
    بولدى ئۇنى جازالىماڭلار،
    مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.