تەشۋىش (شېئىر)-رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-17 08:55:52

تەشۋىش(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)پۇرايدۇ ئەتراپتىن بىر مۇدھىش پۇراق،ھويلىنى قاپلىغان يىغا-زار پىراق.يىغلار ھەم بۆشۈكتە بەش كۈنلۈك بوۋاق،ئويلىدىم:« ئۆچۈپتۇ بىر نۇرلۇق چىراق.»ئىدىغۇ ئۇ كىش...



     

    تەشۋىش

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    پۇرايدۇ ئەتراپتىن بىر مۇدھىش پۇراق،

    ھويلىنى قاپلىغان يىغا-زار پىراق.

    يىغلار ھەم بۆشۈكتە بەش كۈنلۈك بوۋاق،

    ئويلىدىم:« ئۆچۈپتۇ بىر نۇرلۇق چىراق.»

    ئىدىغۇ ئۇ كىشى كۆڭلى بەكمۇ ئاق،

    مىجەزى ئوچۇق ھەم مۇلايىم،سالماق.

    ھەمسۆھبەت بولسىڭىز سۆزلىرى« قايماق»،

    ئىلىم ۋە ھۈنەرگە يۈرىكى چاڭقاق.

    ھەيرانمەن ئالدىمدا بىر غەمسىز سىياق،

    تۇراتتى چىرايى ئەلەمدىن يىراق.

    تېنىدىن گۈپۈلدەر سېسىق مەي،ھاراق،

    قاراشتا تۇرسىمۇ بىر ئوبدان، ساپساق.

    ياش چىقماس كۆزىدىن كاللىسى «قاپاق»،

    شۇ ھامان ئويلىدىم كۆڭلۈمدە مۇنداق:

    «بولسىمۇ بالىمىز تاتلىق ھەم ئۇماق،

    نەسىھەت ئاڭلاشقا بولمىسا قۇلاق.

    بۇ تاتلىق ھاياتمۇ بىلىنەر قىرتاق،

    غېمىنى يەيمىزغۇ ئولتۇرساق قوپساق،

    نىمىشقا ئۆزىنى خار قىلار بۇنداق ؟

    ئەۋلادلار تونۇسا ھاراقنى «قايماق»،

    مۇقەررەر ھاياتنىڭ گۈللىرى سۇلماق.

    بوپ قالسا بالىلار يۈرىكى «قۇرغاق»،

    دۇئامۇ قىلارمۇ قەبرىدە ياتساق.

    جەننەتمۇ، دوزاقمۇ بارارمىز قاياق،

    دۇئاسىز قەبرىدە ئۈنمەيتى قىياق.

    قانداقمۇ قىلارمىز شۇ كۈنگە قالساق،

    بۇنى بەك بىلگۈم  بار تاقىتىم بەك تاق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.