قىسمەت(تەلئەت قادىرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:14:23

قىسمەتتەلئەت قادىرىكىملەرنىڭ چىرايىدا شادلىق-كۈلكە،كىملەرنىڭ چىرايىدا قايغۇ يۇقى.كىملەرنىڭ ئامەتلىرى كەلسە ئوڭدىن،كىملەرنىڭ يەر چىشلىگەن ئەلەم-تۇغى.كىملەرنىڭ بەكىلىرى كەسكەن بىلەن،كىملەرنىڭ...

    قىسمەت
    تەلئەت قادىرى



    كىملەرنىڭ چىرايىدا شادلىق-كۈلكە،
    كىملەرنىڭ چىرايىدا قايغۇ يۇقى.
    كىملەرنىڭ ئامەتلىرى كەلسە ئوڭدىن،
    كىملەرنىڭ يەر چىشلىگەن ئەلەم-تۇغى.

    كىملەرنىڭ بەكىلىرى كەسكەن بىلەن،
    كىملەرنىڭ تىغ-خەنجىرى ئۆتمەي قالار.
    كىملەرنىڭ قارچۇغىسى ئالالماي ئوۋ،
    كىملەرنىڭ چۈجىلىرى شۇڭقار ئالار.

    قوغلىشىپ بولالمايسەن ئادىللىقنى،
    بولغاندەك تەبىئەتنىڭ ياز ۋە قىشى.
    بەزىدە قىسمەتنىڭ گىرۋەكلىرىدىن،
    نۇرلىنىپ قالىدۇ ھاياتنىڭ سىرى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.