لىرىكىلار(ئەنقا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:08:38

لىرىكىلارئەنقاخىلۋەتتىكى رەيھانمۇزلىغاندا ۋۇجۇدۇم، روھىمھاياتىمنىڭ قارلىق دالاسىدائۇچراتتىم رەيھاننىپورەكلەپ ئېچىلغانزۇلمەتنىڭ خىلۋەتلىرىدەبەلكىمھېچكىم سېنى كۆرۈپ باقمىغانھېچكىم سېنى تۇتۇپ...

    لىرىكىلار
    ئەنقا



    خىلۋەتتىكى رەيھان

    مۇزلىغاندا ۋۇجۇدۇم، روھىم
    ھاياتىمنىڭ قارلىق دالاسىدا
    ئۇچراتتىم رەيھاننى
    پورەكلەپ ئېچىلغان
    زۇلمەتنىڭ خىلۋەتلىرىدە

    بەلكىم
    ھېچكىم سېنى كۆرۈپ باقمىغان
    ھېچكىم سېنى تۇتۇپ باقمىغان
    ھېچكىم سېنى سىلاپ باقمىغان
    ھېكچىم سېنى ئوقۇپ باقمىغان
    مەن كەبى
    چەكسىز سەن، پىنھانسەن، چوڭقۇر-كۆپ تىرەن
    چۈشەنمەيدۇ سېنى مەندىن ئۆزگىسى
    شۇتاپ
    مەن مۇھەببەت قولىدىكى ھارارەتتىن ئاستا ئاستا ئېرىمەكتىمەن
    قىشلىق چۈشەك ئۇيقۇمدىن ئويغانماقتىمەن
    ھالاكەت غارىدا باش كۆتۈرۈپ تىرىلمەكتىمەن...

    يەكشەنبە
    ئىبادەت كۈنىدۇر، قۇتلۇق شۇقەدەر
    توققۇز-ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇقەددەس بىر سان
    دەل ئاشۇنداق يەكشەنبە، ئاينىڭ توققۇزى
    قوي يىلى-خاسىيەتلىك بۇ كۈندە
    ۋىسال شارابىنى قۇيدۇم قەدەھكە لىپمۇ-لىق

    كەل، يوشۇرۇن بەدەنلىك، تۇز كۆزلۈك رەيھان
    ئىچىشەيلى گىرەلەشتۈرۈپ قانغۇچە
    چىلاشقۇچە يۈرەكلەر
    چەكسىز سۆيگۈگە
    ئۇنتايلى دۇنيانى
    ئۇنتايلى كۆمۈردەك قارا ئۆتمۈشنى
    نۇرلانسۇن كەلگۈسىمىز
    خۇددى سېنىڭ جىسمىڭدىن زۇلمەتتە تارالغان ئىلاھىي نۇردەك

    كەل ئىچەيلى ۋىسال شارابى
    ئوتتۇز يىل ئىزلىشىپ ئاران تېپىشقان
    بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقىمىز گويا
    قۇچاقلىشىپ-يىغلىشىپ
    ئىچىشەيلى يۈرىكىمىز يېرىلغۇچە تا!.. .

    چەكسىز، چوڭقۇر ئايال

    مەن يۈتتۈرۈپ قويدۇم ئۆزۈمنى
    سېنىڭ چەكسىز تىرەنلىكىڭدە

    روھ ئۇپۇقۇڭ
    تەن دېڭىزىڭ
    گىرەلىشىپ سۆيۈشكەن جايدا
    مەن بايقىدىم چوڭقۇرلۇقىڭنى
    چەكسىز
    چەكسىز شۇقەدەر
    مۇھەببەتكە تولغان كۆزۈڭدەك

    كۆزۈڭ چوڭقۇر، تېنىڭ چوڭقۇر ھەم
    چۆكۈۋاتقان مەن
    پۇتۇم يەتمەس تېگىگە، تىپىرلايمەن
    سۆزلەر، تىل-بەلگىلەر كۆيگەن
    كۈلگە ئايلانغان شۇ جايدا
    جەلەق ئوخشاش مەپتۇنكار
    ئۆلۈم كۈيىنىڭ ئوتلۇق باغرىدا
    ئېرىيدۇ، كۆيىدۇ، ئاقىدۇ
    لەززەتتىن بىھۇشلانغان «مەن»

    دۇنيادىنمۇ بىپايان، كەڭسەن
    چىكىڭ يوقتۇر، چەكسىز ئايالسەن
    ۋۇجۇدۇڭ
    ئۆركەشلىگەن نۇرلار دېڭىزى
    مەن ئۇندا بىر نىمجان بېلىقمەن

    كېچە
    زۇلمەت باسقان روھىمدۇر مېنىڭ
    كۆپكۆك ئاسمان
    پاك روھىڭدۇر سېنىڭ
    ئۇندا تەنھا ئۇچقان قۇش
    سۆيگۈمىزدۇر سېنىڭدەك چوڭقۇر

    ئەي چەكسىز
    چوڭقۇر ئايال
    چوڭقۇرۇڭغا بەيئەت قىلىمەن
    تىۋىنىمەن، تىلەيمەن
    تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشۇڭنى
    مەن ئۈچۈن مەڭگۈ

    مەن يۈتتۈرۈپ قويغان ئۆزۈمنى
    تاپالمايلا قالاي مەن سەندىن
    چوڭقۇرۇڭغا غەرق قىل تېخىمۇ
    پاك-پاكىزە ھالاك بوپ
    تۈگىشىپلا كېتەي مەن سەندە

    تىرىلىشچان، ئېچىرقىغان بۇ غېرىپ روھىم
    قانمايدۇ ساڭا
    قانمايدۇ ھەرگىزمۇ ئۆلۈم سۆيۈڭگە.. .

    باغرىڭغا ئال مېنى ئەبەدىل-ئەبەت

    - پەرىمتەمنىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلايمەن.. .

    تاشلاپ كەتتىڭ سەن مېنى
    كۆزۈمدە قان-ياش، يۈرەكتە ھىجران
    كېسەل تەگدىمۇ روھىم، جىسمىمغا
    ھۆڭرەپ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇم كېلىپ تۇرسىمۇ
    ئاشكارە ئەمەس
    ئوغۇرلۇقچە يىغلايمەن، نېمىشقا ئاران؟!.. .

    مەن شۇنداق ئاجىز بىر بەندە،
    ئەرزىمەس قۇرت بولساممۇ
    قۇربانلىق قوي بولدۇڭ مېنىڭ ئورنۇمدا
    زۇلمەتلىك قەلبىمدەك قويۇق قانلىرىڭ
    چاچرىدى يۈزۈمگە
    ئۆرتەندىم، كۆيدۈم
    سەن مېنى قۇتمۇزۇپ قالغان شۇ پەيتتە
    ئوخشاتتىم مەن سېنى
    ئادەم سىياقىدا مېڭىپ يۈرگەن پەرىشتىگە

    راستتىنلا ئايرىلىپ قالدىممۇ سەندىن؟
    ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئەسلا:
    سەن ماڭغان خۇشبۇي كوچىلارنى ئارىلايمەن
    سەن تۇتقان نەرسىلەردىن ھىدىڭنى پۇرايمەن
    سەن كىرگەن ئۆي، ئاشخانىلارغا كىرىپ باقىمەن
    سەن بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ماشىنىلارغا چىقىپ باقىمەن
    تاپالمايمەن سېنى زىنھار،
    چۈشەمدە يۈتتۈرگەن ئايىقىمدەك
    كۆز يېشىمغا زورلايمەن باغرى يۇمشاق خوتۇن كىشىدەك
    كۆز يېشى توسۇۋالغان كۆز پەردىسى ئارقىدا
    ئەتراپىمدا، ھاۋادا
    يىڭناغۇچتەك سۈزۈك قانىتىڭنى قاققانچە لەرزان
    ئۇچۇپ يۈرىسەن مېنىڭ تۇيغۇمدا.. .

    تاغ باغرىدا ئۈنگەن گىياھتەك
    ئاددىي ياشىغان، ھاياتنى سۆيگەن
    سەن ئەمەسمۇ ئەڭ مۇكەممەل، نۇقسانسىز ئايال .
    مەن ساڭا بىر ئۆمۈر قەرزدار ئاشىقمەن
    قايدىسەن پەرىشتەم، كۆرسەتكىن جامال!.. .

    كەچۈر مېنى، مەن چۈنكى
    توخۇ يۈرەك، پەسەندە
    كۆكرەك كېرىپ ئەركەكتەك
    چۈشەلمەستىن مەيدانغا
    قۇتقۇزالماي قالدىم مەن سېنى
    كۆيۈپ ساڭا، گەر بولساممۇ پەيۋەندە

    سەنسىز ياشاش ماڭا ئۆلۈم بولدىغۇ،
    سەنسىز كۈنۈم تۇزسىز، بەك بەتتام .
    نېمە تارتقۇلۇق بۇ ماڭا؟
    قانداق جازالاش؟
    ۋىجدان ئازابى، ھىجران ئازابى
    بەك يامانكەن، چىدالمىدىم ئاھ خۇدا
    ئالغىن جاننى، قىينىغۇچى مۇنچىلىك
    بىر پەسكە بولسىمۇ تاپايمەن ئارام!.. .


    ئەي سېخىلىق ئانىسى، مېھرىبان سۆيگۈ ئىلاھى
    مەن ساڭا تىۋىنىمەن، ساڭىلا پەقەت .
    مۇزلىدى قېنىممۇ، مۇزلىدى روھىم
    باغرىڭغا ئال مېنى، ئەبەدىل-ئەبەت!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.