گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇر (ساداقەتجان ھاجى)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-09 22:19:38

گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇرساداقەتجان ھاجىگۈل ئېچىلىپ گۈلىستاندا گۈل كەلدى يار. گۈل كېلۇر.زىمىستاندەك قەلبىمىزنى ئەيلەپ باھار گۈل كېلۇر.چۆللەر بولدى چىمەنزارەي، ئويناڭ خۇشال كۈلۈپ يارەي.بۇ زىمىندا ب...

    گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇر

    ساداقەتجان ھاجى


    گۈل ئېچىلىپ گۈلىستاندا گۈل كەلدى يار. گۈل كېلۇر.
    زىمىستاندەك قەلبىمىزنى ئەيلەپ باھار گۈل كېلۇر.

    چۆللەر بولدى چىمەنزارەي، ئويناڭ خۇشال كۈلۈپ يارەي.
    بۇ زىمىندا بىزنىڭمۇ ھەم بەختىمىز بار. گۈل كېلۇر.

    نۇرلار ھەريان چېچىلار ھەم. نۇرغا تولدى كېچىلەر ھەم.
    نۇر قوينىدا غۇنچە-غۇنچە گۈل ئېچىلار. گۈل كېلۇر.

    سۇلار ئاقار شىر-شىر قىلىپ، كۆڭۈللەرگە ئارام بېرىپ.
    سۇغا قېنىپ بولدى زېمىن گۈل-لالىزار. گۈل كېلۇر.

    قۇشلار ئۇچار ناۋا قىلىپ، غەمكىن دىلغا داۋا قىلىپ.
    قۇشلار بىلەن بىللە ئۈچۈپ قاتار-قاتار گۈل كېلۇر.

    تاغ-دالانى بويلاپ كېلىپ، سۆيدى شامال ئويناپ كېلىپ،
    بەختىمىزگە تەبىئەتتىن پۈتۈپ تۇمار گۈل كېلۇر.

    تاغدا-باغدا، ئېگىز-پەستە، ئېچىلغانچە دەستە-دەستە،
    ۋىسالىغا زوق-ھەۋەستە قىلىپ خۇمار گۈل كېلۇر.

    ئىشقى بىدار يار-جانانلار، ئۈمىدلىك بول دوست-يارانلار.
    باغ بولىدۇ تاغ-داۋانلار. بىز ئىنتىزار گۈل كېلۇر.

     


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1994-يىل 8-ئۆكتەبىر. «قەشقەر گېزىتى» 1995-يىل 7-يانۋار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.