قېنىم(تەلئەت جېلىل كەنجى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 01:57:58

قېنىمتەلئەت جېلىل كەنجىبۇلغىمايمەن سېنى مەڭگۈگە،جېنىم پىدا پاكلىقىڭ ئۈچۈن.سېنىڭ بىلەن بولغان نامايەن،چىرايىمدا تاڭدىكى ھۆسۈن.سەن ھۆكۈمران جانۇ - تېنىمگە،سېنىڭ بىلەن تۇرىمەن مەزمۇت.سەن بولغاچ...

    قېنىم
    تەلئەت جېلىل كەنجى


    بۇلغىمايمەن سېنى مەڭگۈگە،
    جېنىم پىدا پاكلىقىڭ ئۈچۈن.
    سېنىڭ بىلەن بولغان نامايەن،
    چىرايىمدا تاڭدىكى ھۆسۈن.

    سەن ھۆكۈمران جانۇ - تېنىمگە،
    سېنىڭ بىلەن تۇرىمەن مەزمۇت.
    سەن بولغاچقا كەلگەن كېرەككە،
    چىۋەر - چاققان بىر جۈپ بىلەك - پۇت.

    ئېقىپ كىرىپ بولدۇڭ كۈچ - مادار،
    سەن ئاتامنىڭ تەن - ۋۇجۇدىدىن.
    تاپتىم سۇنماس غەيرەت - ئىرادە،
    سەن ئارقلىق ئەجدات روھىدىن.

    ساقلاپ كەلدىڭ مەۋجۇدلىقىڭنى
    سەن ئەسىردىن ئەسىرگە ھالقىپ.
    سېنىڭ بىلەن ياشىدىم مەغرۇر،
    تىنىم يايراپ، ئەقلىمنى تېپىپ.

    سېڭا سىڭگەن ئاتا - بوۋامنىڭ،
    مەرت - باھادىر قەيسەر خىسلىتى.
    سېنىڭ بىلەن ئاشقان تېنىمنىڭ
    پۈتمەس ئۇلۇغ كۈچ - جاسارىتى.

    مەن يارالدىم سەن بىلەن كۈلۈپ،
    بار سېنىڭدە ئىلاھى قۇدرەت.
    بەردىڭ ماڭا غەيرەت، ئەقىل، كۈچ،
    تاپار ئەجرىم سەن بىلەن قىممەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.