سالام قۇياش(رەيھانگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 01:47:28

سالام قۇياشرەيھانگۈل ئاۋۇتسۈبھى پەيتى سۆيۈپ ئۆتەر، كەچ كىرگەندە كۆرۈپ كېلەر، تاغلىرى بار، باغلىرى بار، گۈل بەرگىدە ئىزلىرى بارسالام قۇياش، سالام قۇياش !پويىز بېلىتى ئالمىسىمۇ، كانىكولنى كۈت...

    سالام قۇياش
    رەيھانگۈل ئاۋۇت


    سۈبھى پەيتى سۆيۈپ ئۆتەر،
    كەچ كىرگەندە كۆرۈپ كېلەر،
    تاغلىرى بار، باغلىرى بار،
    گۈل بەرگىدە ئىزلىرى بار
    سالام قۇياش، سالام قۇياش !

    پويىز بېلىتى ئالمىسىمۇ،
    كانىكولنى كۈتمىسىمۇ
    تەڭرىتاغقا نۇرىن سېپىپ
    قۇملۇقلارغا مېھرىن بېرىپ
    ئۆز ئېلىدە ئەگىپ،  ئەگىپ
    يۈرۈش نېسىپ بولغان قۇياش.
    ساما شۇڭا ئۇلۇغ ئىكەن
    بەرگەچ ساڭا تەخت سېلىپ.
    ئېقىپ كەتتى قۇرلىرىدا
    ياستۇق بولغان كىتابىمنىڭ
    چېكىتسىمان ئانام يېشى
    چۈشلىرىمگە پاتماي قېلىپ.
    قۇلىقىمدا ئۇكام ئۈنى :
    «كېلە ئاچا ئوينايمىز» دەپ.
    لەۋلىرىمنى كەتتىم چىشلەپ
    يىغلىۋەتكىم كېلىپ ھۆڭرەپ.
    بەك سىقىلدىم ئۆگىنىشتىن
    ساراڭ بولاي دېدىم چارچاپ
    غەمگە ئەسرار مەسۇمەدىن
    بىزنىڭ ئۆيگە سالام قۇياش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.