قۇرۇتۇلغان دەرەخ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-17 16:04:36

ئوقۇلغان نەزمىلەر تەكرار، پۈتۈن سورۇننى بىر ئالغان، شېئىرى بىلەن ئېلان ئىشلەپ، تەرەپ-تەرەپكە جار سالغان. ئۆزىنى كۆرسىتىپ چارە، بولۇپ ئالقىشقا مەستانە، تەلەپسىز نەزمىنى تەغدىم، قىلىش ئادەتكە ئايلانغان.


    قۇرۇتۇلغان دەرەخ
     
    (ساتىرا)
    ئابدۇراخمان پولات ئەل ئوغلى

     
    ئوقۇلغان نەزمىلەر تەكرار، پۈتۈن سورۇننى بىر ئالغان،
    شېئىرى بىلەن ئېلان ئىشلەپ، تەرەپ-تەرەپكە جار سالغان.
     
    ئۆزىنى كۆرسىتىپ چارە، بولۇپ ئالقىشقا مەستانە،
    تەلەپسىز نەزمىنى تەغدىم، قىلىش ئادەتكە ئايلانغان.
     
    قولىدا بار-يوقى ساختا، ماتاسى كونىراپ ھەتتا،
    ساتالماي مالىنى پەردازلاپ، «يېڭى مال» دېگىنى يالغان.
     
    دېسە «تازنىڭ نېمىسى بار؟» « تۆمۈر تارىغاقى بار» دەيمىش،
    شۇئار قىلىپ كونا دەسمىنى، تا ھازىرغىچە ماختانغان.
     
    تەمەننا ھېسلىرى، سامادا شار كەبى لەيلەپ،
    ئامالسىز يېلى قاچقاندا، رەشىك ئوتىدا زارلانغان.
     
    يازۇرمىش ئاز يەنە ھەم ساز، بولۇپ ئۇ ھەممىگە ئۇستاز،
    بىراق ئىزھارى ۋەزخانلىق دېپىنى، لاپ ئۇرۇپ چالغان.
     
    قاغىنى دەيدۇ كىم ئاپپاق؟ ئېتەك كۈننى ياپار قانداق،
    توقۇپ يالغاننى مىڭ پاتمان، ئويۇن قويغاچقا بەك چانغان.
     
    ئەمەلنىڭ مېھرىگە قانماي، ئېرىشمەك پەيلىدىن يانماي،
    ئىشى ئەپلەشمىگەچ ئەپسۇس، سۆزىدىن بەك ئاسان ئازغان.
     
    يۈرەر ئازغىن غەلەت يولدا، خىيالى غەيرى بىر ئويدا،
    ئىلاج يوق قاندىكى خۇيغا، غەلىتە نامى تارقالغان.
     
    ئۇتۇق قازانسا بىر كىملەر، كۆرەلمەي ھەر نېمە دەرلەر،
    ھەسەتتىن ئۆرتۈنۈپ جىسمى، ئىچى زەرداپقا لىق تولغان.
     
    چىقىپ سولدىن، گاھى ئوڭدىن، ئاداشقان بەلكى تۈز يولدىن،
    ئىغاڭلاپ توپ كەبى ھەر يان، شەرەپتىن بى نەزەر قالغان.
     
    كوزۇر «ياغلىق قاپاق» دەۋرى، تۈگىدى رولى يوق ئەمدى،
    چىدالماي ئۇشبۇ قىسمەتكە، ئەلەم ھەسرەتتە ئاھ ئۇرغان.
     
    «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال» ئايا دوستلار بۇ نېمە ھال؟
    باراقسان ئول دەرەخنى قۇرۇت، يېگەچ باغرى كاۋاك بولغان.
     
    ئەسكەرتىش : تورغا يوللىغۇچى ،خوجا نىياز
    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ساتىرا دەرەخ شېئىر