غېرىپ خانەم ( جەۋلان )

يوللىغۇچى : jawlan116 يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-29 22:45:00

غېرىپ خانەم دېرىزەمدىن چۈشتى يول-يول نۇر غېرىپ خانەم چېھرىگە سىڭىپ،كۆكۈچ ئسلار قاپلاپ خانەمنى قانداقلارچە بوپقالدى غېرىپ . بىر چاغلاردا شوخ-كۈلكە ياڭراپ تۇرغان خانەم ئەمەسمۇ مۇشۇ ، مىسكىنلىكن...

     غېرىپ خانەم

     

    دېرىزەمدىن چۈشتى يول-يول نۇر
    غېرىپ خانەم چېھرىگە سىڭىپ،
    كۆكۈچ ئسلار قاپلاپ خانەمنى
    قانداقلارچە بوپقالدى غېرىپ .

    بىر چاغلاردا شوخ-كۈلكە ياڭراپ
    تۇرغان خانەم ئەمەسمۇ مۇشۇ ،
    مىسكىنلىكنى تۇتمىغان پەرھىز
    خۇشال قەلىب ئللىق چىرايچۇ.

     ياق،ھەمسسى يوق ھازىر بۇندا
     پەقەت ھەمراھ غېرىپ خانەملا ،
    تۈن قۇينىدا تۇلۇن ئايمۇ يوق
    بۇ ئالەمدە تەنھا ئۆزۈملا .

    خانەم سوغاق، ياق قەلبىم سوغاق
    ھەتتا ماڭا يىتىشمەس ھاۋا ،
    ئشىك رۇجەك مەھكەم تاقالغان
    ئەمدى ئۇندىن ئاڭلانماس ناۋا.

     نەزەر سالسام خانەمگە بىر رەت
    ھەممە ۋەيران قىلچە مېھىر يوق ،
    پۇچۇق رومكا، دەز كەتكەن
    ئەينەك توپا بېسىپ تۇرار ئۇرۇندۇق .

    جىن -چىراغنىڭ غۇۋا نۇرىدەك
    يۇرۇتالماس كىچىك ھۇجىرىنى،
    شۇنچە سېخى قۇياشمۇ ھەتتا
    شۇ خانەمدىن ئايار نۇرىنى .

    ئەمدى بىلسەم قەلبىممۇ مىسكىن
    شۇ خانەمگە بولۇپتۇ ھەمراھ ،
    رەنجىمەيمەن خانەمدىن ئەمدى
    ئەسلى شۇنداق ئىكەنغۇ دۇنيا .

     ( جەۋلان )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:25:08]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جەۋلان