سەن چالغان نەي

يوللىغۇچى : chimangul يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-29 00:59:39

سەن چالغان نەيئاڭلىدىم يۈرىكىمدە كۈيۈڭنى جېنىم،ئايلىنىپ قالغۇم بار بىرتال قۇمۇشقا.بەك ئاجىز،بەك ئاجىزبولساممۇ مەيلى،تەڭ قىلماي ئۆتەتتىم ئۆزۈمنى قۇشقا.نەي بولۇپ چېلىنسام لەۋلىرىڭ بىلەن،كۆزۈڭ...

    سەن چالغان نەي


    ئاڭلىدىم يۈرىكىمدە كۈيۈڭنى جېنىم،
    ئايلىنىپ قالغۇم بار بىرتال قۇمۇشقا.
    بەك ئاجىز،بەك ئاجىزبولساممۇ مەيلى،
    تەڭ قىلماي ئۆتەتتىم ئۆزۈمنى قۇشقا.

    نەي بولۇپ چېلىنسام لەۋلىرىڭ بىلەن،
    كۆزۈڭدىن ئەيمىنىپ قۇرۇيتى دېڭىز .
    دەرت بولۇپ تۆكۈلسەم دەرتلىرىڭ بىلەن
    چېچىمنى سىلايتى يېنىمدا بىر قىز.

    ئۇ ساڭا،ماڭىمۇ شۇقەدەر تونۇش،
    تۇپراقنىڭ ھەسرىتىنى ئىچىگە يۇتقان.
    سەن مېنى توۋلىغان ھېلىقى كۈنى،
    ئھ،سېنىڭ مىھرىڭدە قولۇمنى تۇتقان.

    چېلىۋەر !سەن چالغان نەينىڭ ئاۋازى،
    ئىشق زۇلمىتىنى ئەيلەيدۇ سەرسان .
    ئۇيقىدىن ئويغاتما ئۇنى ئەزىزىم،
    تال-تال كىرپىكلىرىدە بولاي مەن پايخان.....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت