شور دەريانىڭ ئۇ تەرپىدە5-باب(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-25 20:29:00

5-باب: بۇلبۇلكۆل كېتىۋاتىمەن، جىگدا شېخىدە مۈگدەپ ئولتۇرغان قېرى بۇلبۇلغا كۆزۈم چۈشكەندە ئاياغلىرىم ئېغىرلاشتى.— بۇلبۇلۇم. ئۇ ئاۋازىمدىن يېنىك سىلكىنىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.— ساڭا نېمە بولدى؟— ك...

    5-باب:   بۇلبۇلكۆل

     كېتىۋاتىمەن، جىگدا شېخىدە مۈگدەپ ئولتۇرغان قېرى بۇلبۇلغا كۆزۈم چۈشكەندە ئاياغلىرىم ئېغىرلاشتى.
    — بۇلبۇلۇم. ئۇ ئاۋازىمدىن يېنىك سىلكىنىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
    — ساڭا نېمە بولدى؟
     — كەتكىنىڭگە توققۇز كۈن بولدى. توققۇز كۈندە بۇ مەھەللىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرمىدى دەيسەن. ئارىدىن شۇنچە كۈننىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمىگىلى تاس قالدىم-دە، ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ قويدۇم.
    — گۈلبانۇ، ھېلىقى كۈنى كەۋسەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكىنى يادىڭدىمۇ؟
     — كەۋسەر؟ ھە... ھېلىقى ئايال.
    — شۇنچە زور غەيرەت ھەم مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلىغان ئۇ ناتىۋاننى ئېرى يەنە تۈگىمەس ھاقارەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇ لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلىدى، ئۆيدىن چىقىپ كەتمىدى. لېكىن، كۆزلىرىدىن سەۋر قاچىسىنىڭ تولغانلىقى بىلىنىپ، غەلىتە بىر نۇر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
    ئۇ سۇپىنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، ئورۇن راسلاپ تۇرۇشىغا ئېرى ئۇنى بېسىۋېلىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
    كەۋسەر قارشىلىقمۇ قىلمىدى، ئوت بولۇپمۇ يانمىدى، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى قوناقلىقتىكى شېرىن تۇيغۇلىرىنى خىيال قىلغاچ كۆزلىرىنى بوش يۇمدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئېرى يېنىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. كەۋسەر توي قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خورلۇق ھېس قىلدى. ئۆزىنى دۇمبالىغان ئاشۇ قوللار بايا پۈتۈن بەدىنىنى تويماسلىق بىلەن سىيلاپ چىقتى. ئۇنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ لەۋلەر ئۇنىڭ سوۋۇپ كەتكەن لېۋىگە كۈچەپ بېسىلدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا ئۆزىنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي ياشىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى.
    پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ ماغدۇرسىزلانغان ھالدا بۇلبۇلنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە تىكىلدىم.

    يامرايدۇ يىغىدەك يىراق-يىراققا،
    بەندىلىك مۇقامىدا ھىجران كەلكۈنى.
    بۇلۇتلار ئارىسىدىن سىرغىيدۇ ئىسسىق،
    يۈرەككە سىغمىغان ئازاب سەلكىنى.

    دىل دەشتى لەۋلەردەك قۇرۇغان شۇتاپ،
    كۆرۈنمەس ئۇ يەردە بىر تالمۇ گىيا،
    ئاياللار لېۋىنى چىشلىسە قاتتىق،
    تەبىئەت باغرىدا بىر قىيا-چىيا.

    بۇلبۇلنىڭ ھەسرەتلىك بوغۇق ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى:
    — ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپا يېنىدىكى ئوچاق بېشىدا تاشلىنىپ تۇرغان كەكىنى قولىغا ئالدى. تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرغان ئايمۇ قارىيىشقا باشلىدى. كەۋسەر قولىدىكى كەكە بىلەن بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بۇ ئادىمىي ھايۋاننىڭ كاللىسىنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم چانىۋەتتى. ئىچىمدىكى تىترەكنى ناھايىتى تەستە بېسىپ، ۋارقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالىقانلىرىم بىلەن ئاغزىمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم.
    — شۇ كۈندىن بۇيان مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ھېچ يەردىن تاپالمىدى.  
       گۈلبانۇ  «بەلكىم ئۇ يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىدەك خورلۇق تارتىپ قېلىشىنى خالىمىغاندۇ ياكى ئۇنى راستتىنلا چىن قەلبىدىن سۆيىدىغاندۇ» دەپ شىۋىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
       — بايا تېخى بىر يىگىت بۇ يەرگە كېلىپ كەتتى. ئۇ كەۋسەرنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل تاپقىلى ئۈچ يىل بۇرۇن يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. لېكىن، شۇ يىللاردا كاج تەقدىر كەۋسەرنى ئىختىيارسىز ھازىرقى قىسمەتلەرگە باغلىغان...
        بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى بارغانچە زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ دەل تۈن نىسپىدىن ئاشقان چاغ بولۇپ، سەپەردىكى ھارغىنلىق، قەلبىمدىكى زىددىيەت، نېرۋىلىرىمدىكى چىدىغۇسىز چىڭقىلىش مېنى خېلىلا ھالسىراتتى بولغاي، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى ئېچىشقا ئامالىم بولمىدى. بۇ چاغدا يەنە ھېلىقى ھارۋىكەش يىگىتنىڭ تونۇش ناخشىسى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى:
    سەندە بارى مەندە يوق،
    مەندە بارى سەندە يوق.
    تەندە بارى روھتا يوق،
    روھتا بارى تەندە يوق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق