تەلكە تاغلىرى(مەمتىلى ئەپەندى)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-12 18:00:00

تەلكە تەلكە تاغلىرى مانا ،يوللىرىدا ئادەم يوق.قارىغايلىرى كېسىلگەن ،ھەممە يېرى قۇپ -قۇرۇق.تەلكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،سايرام كۆلىگە باقتىم.سايرامنىڭ ھالى خاراپ،كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم. (يېزىلغان ۋاخت...

    تەلكە 

    تەلكە تاغلىرى مانا ،
    يوللىرىدا ئادەم يوق.
    قارىغايلىرى كېسىلگەن ،
    ھەممە يېرى قۇپ -قۇرۇق.

     

    تەلكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،
    سايرام كۆلىگە باقتىم.
    سايرامنىڭ ھالى خاراپ،
    كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم.
    (يېزىلغان ۋاختى ئېنىق ئەمەس)

    سايرام كۆلى ئۆزەڭ كىچىك،دەردىڭ تولا،
    داۋالغۇيسەن،ساھىللاردىن ئاشالمايسەن.
    ئەتراپىڭنى قورشىۋالغاچ ئىگىز تاغلار ،
    ئۈمتۈلىسەن،داۋانلاردىن ئاشالمايسەن.

    1921-يىلى (بورتالا)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 19:38:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەمتىلى تەۋپىق