كەچكۈز.كوچا سۈپۈرگۈچى

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-14 23:45:00

كەچكۈز.كوچا سۈپۈرگۈچى سۈپۈرىمەن كوچىلارنى, چېچىمنىڭ قارا-قارا مىسرالىرىدا... ئەگىشىمەن خازانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا كۆز ياشلاردا لەيلەپ يۈرگەن سەھەرلەر كەچكۈز يازنىڭ يورۇقلۇقىغا يېپىنغان چاپان ك...

    كەچكۈز.كوچا سۈپۈرگۈچى

     سۈپۈرىمەن كوچىلارنى,
    چېچىمنىڭ قارا-قارا مىسرالىرىدا...
    ئەگىشىمەن خازانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا
    كۆز ياشلاردا لەيلەپ يۈرگەن سەھەرلەر

    كەچكۈز يازنىڭ يورۇقلۇقىغا يېپىنغان
    چاپان كېچىنىڭ نۇرلىرىنى سۇندۇرغان
    جۈملە سۈپۈرىمەن كوچىلارنى مۇھتاج بولۇپ
    دەرەخلەرنىڭ سۆھبىتىگە
    كەڭرى كوچىلارنى...كەڭرى كوچىلارنى...

     2008.10.10

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق