ئۇنتۇلغان بىر دۇنيا ئېسىمدىن كېچەر

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 10:17:58

ئۇنتۇلغان بىر دۇنيا كېچەر ئىسىمدىنزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىئۇنتۇلغان بىر دۇنيا ئېسىمدىن كېچەر،كىملەردۇر ناگەھان چاقىرسا مېنى...ئۇنتۇلغان بىر كەچمىش قېنىمنى ئىچەر،ئەسلەشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرغا...

     



     ئۇنتۇلغان بىر دۇنيا كېچەر ئىسىمدىن

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    ئۇنتۇلغان بىر دۇنيا ئېسىمدىن كېچەر،

    كىملەردۇر ناگەھان چاقىرسا مېنى...

    ئۇنتۇلغان بىر كەچمىش قېنىمنى ئىچەر،

    ئەسلەشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرغانسىرى...

     

     

    بۈگۈننىڭ باغرىتاش دەقىقىسى كۆپ،

    كەچ كىرەر سۈبھىدىن چىقمايلا تېخى...

    كۆل بولۇپ ھەممە يەر كۆز يېشىم بىلەن،

    پەقەت بىر قەلبىملا قالار چۆل پېتى...

    2011-يىل 8-مارت

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.