زېرىكىش(يالقۇن ئەزىزى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:46:38

زېرىكىشيالقۇن ئەزىزىغالجىرلىشىسەن گاھى كۈنلىرى،ئىشخاناڭدا يالغۇز قالغاندا.كىملەرنىدۇر تىللاپ قويىسەن،كىتاب ئوقۇپ كۆزۈڭ تالغاندا.قاراپ قويۇپ ئىشىككە پات-پات،غۇچۇرلىتىپ قويىسەن چىشىڭنى.مۇزدەك ...

    زېرىكىش
    يالقۇن ئەزىزى



    غالجىرلىشىسەن گاھى كۈنلىرى،
    ئىشخاناڭدا يالغۇز قالغاندا.
    كىملەرنىدۇر تىللاپ قويىسەن،
    كىتاب ئوقۇپ كۆزۈڭ تالغاندا.
    قاراپ  قويۇپ ئىشىككە پات-پات،
    غۇچۇرلىتىپ قويىسەن چىشىڭنى.
    مۇزدەك تامغا ئۇرىسەن چىدالماي،
    ئاغرىۋاتقان ئۆلگۈر  بېشىڭنى.
    باش ئاغرىقىڭ كۈچەيگەنسېرى،
    ئايلىنىسەن غالجىر تەلۋىگە.
    سەپسالىسەن ئۆچمەنلك بىلەن،
    ئىشخانىدىكى ھەممە نەرسىگە.
    تام
    ئۆرە تۇرغان تام.
    كالېندار
    يالىڭاچ كالېندار،
    تېلېفون
    تىلى يوق تېلېفون
    كۈلدان
    سەھەردەك كۈلدان
    تۇيۇقسىزلا ئەينەكلىرىنى
    ئىشخانىنى چاققۇڭ كېلىدۇ.
    قىپيالىڭاچ بولۇپ بەش مىنۇت،
    پۈل ئۈستىدە ياتقۇڭ كېلىدۇ.
    يېتىشەلمەي ئۆتتۈڭ دەردلەرگە
    ئوقۇپ بولالمىغاندەك كىتابلىرىڭنى.
    قىلالمايسەن باشلىقىڭ بىلەن،
    كونا-يېڭى ھېسابلىرىڭنى...
    ئوي ئويلايسەن ئويلار پىچاقتەك،
    يۈرىكىڭنى ئۆتىدۇ تىلغاپ.
    بوشىتىۋالغۇڭ كېلەر ئىچىڭنى،
    ئۆزۈڭ تەنھا ئېسەدەپ يىغلاپ.
    ۋاقىت يۇمىلاق ئۆيى ئىچىدىن،
    شام نۇرىدەك چۈشمەكتە ئېقىپ.
    ئەرۋاھلاردەك ياتىسەن ئويچان،
    ئۈستىلىڭگە يۈزۈڭنى يېقىپ.
    باش ئاغرىقىڭ پەسىيىپ ئاستا،
    تىنچلىنىپ كەلدىڭ ئەسلىگە.
    ئەكېلىشكە ماڭدىڭ بالاڭنى،
    ئىشخانىنى تاقاپ يەسلىگە.
    ئۇنىڭ شۇنداق ئاغرىيدۇ بېشى،
    ئىشخانىدا تۈگىمىسە ئىشى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.