ئابدۇرېشىت سۇلايمان:مەن يەنىلا سېنى سۈيىمەن

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-17 11:44:32

ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ (1)ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﻛﻮﺯﻟﻪﺭ ﺗﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ،ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ ..!!!ئىيتىمەن سوزۇمنىڭ خەۋەرلىرىنى ،دەپ ئىيتىدۇ –ماڭا ئايدىڭدا.جايلىشىمەن يۇرىگىڭگە دەپ ،ئايغا ھەسرەتلىك قاراپ قويىدۇبۇ...



     

    ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ (1)

     

    ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﻛﻮﺯﻟﻪﺭ ﺗﯩﻜﯩﻠﻪﺭ  ﻣﺎﯕﺎ ،

    ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺑﺎﻻ ﯪﺷﯘﻣﯩﻜﯩﻨﺎ ..!!!

     

    ئىيتىمەن  سوزۇمنىڭ خەۋەرلىرىنى ،

    دەپ ئىيتىدۇ –ماڭا ئايدىڭدا.

    جايلىشىمەن يۇرىگىڭگە دەپ ،

    ئايغا ھەسرەتلىك قاراپ قويىدۇ

    بۇ كېچىنىڭ قىيانلىرىدا .

    يىقىنلىشار ماڭا قىزىل رەڭ ،

    ئۇنىڭ يۇرىگى بەك تىز سوقۇدۇ .

    كۇزىتىلگەن يۇرەكلىرىمگە ،

    ئاۋۇ قۇشلار سايراۋاتىدۇ ،

    دەپ پىچىرلاپ قوشاق قاتىدۇ ،

    سەنەم

    بۇ قەلبىمگە  نۇرنى چاچىدۇ .

    سەنەم

    بۇ قەلبىمگە چىدىر تىكىدۇ .

    سەنەم

     

     

    -تاپاي دەيمەن كۇلكەڭنى سەنەم ،

    بىلەمسەن مەجنۇندەك   سويىمەن  سىنى ،

    قارلىغاچ ئۆيىدە تۈنۈدۇق بىر كۇن

    دەريانىڭ ئاۋازى چاقىرار بىزنى  .

     

    -قەلبىمنى ئوقىغىن ،گۇللەردىن سەنەم  ،

    مەن يىراقنىڭ قىشىغا كەتتىم .

    سوزلەپ بىرەي  ساڭا ھىكايە  ،

    مەن كېچەمگە ئويۇمنى سالدىم .

     

    شەھلا كوزلەر تىكىلەر ماڭا ،

    شائېر بالا ئاشۇمىكىنا ..!!

     

    -قەلبىمنى تېڭشىغىن ،قۇشلاردىن سەنەم ،

    مىنىڭ «ھۇجرام »-سىنىڭ كۇلكەڭدە .

    مەن قۇياشنى بايان قىلىمەن ،

    قايتىپ كىلىپ سالغان ئويۇمگە .

     

    جىمجىت كوزلەر تىكىلەر ماڭا ،

    شائېر بالا ئاشۇمىكىنا ...!!

     

    مەن ئوقۇدۇم، ئېسمىڭنى سەنەم ،

    يۇرۇقلۇقتا ئوقۇپ باققىن مىنىمۇ .

    چىراغ ياقتىم غىرىپ كۇلبەمگە ،

    كىچىدە ئىشىكنى چەككىنى كىم –ئۇ ؟

     

     

    2008-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۇنى (يەكەن )

     

     

    ئاشىقنامە

     

    ئازاپمەن كوزۇڭدە يالتىراپ تۇرغان ،

    بەخىتمەن ،قەلبىڭدە قانىتى سۇنغان .

    بىر ئوتمەن مەڭگۇلۇك ۋىسالنى ئىزلەپ ،

    ماڭا خاس يۇرەكتە بىر تەخىت قۇرغان .

     

    بىر قەبىھ ناخشىمەن بۇزۇپ ئىيتىلغان ،

    سەن كەبى پەرىشتە ئاڭلىماس ئۇنى .

    تىنىقىڭغا  يامغۇر  بولغۇم بار ،

    سىم –سىم يىغىپ ئويغاتسام سىنى .

     

    سەن قەلبىمدە كۆيىسەن گور-گور ،

    مەن قەلبىڭدە ئاپپاق بىر كەپتەر .

    قول تۇتۇشۇپ كىردۇق ئاق نۇرغا ،

    قار گۇلىدىن باشلاپ بىز سەپەر .

     

     

     

     

    بىر قەدەھ ئوت كەلتۇر قەدىرلىك جىنىم

     

    بىر قەدەھ ئوت كەلتۇر قەدىرلىك جېنىم ،

    مەن سۈيىمەن يۇرەكلىرىڭنى .

    كوزلىرىمدە ياشاۋاتىسەن ،

    سەن كورمۇدۇڭ يۇرەكلىرىمنى .

     

    مەن سىغىندىم چېچىڭنى جىنىم ،

    ئىيىتقىنا نىمىشقا زەھەردە جېسمىم ؟!.

    سەھەردە بىر ئېسىم يىغلار ھۇجرامدا ،

    ئاسىيلىق قىلمەن ساڭا بىر قىتىم .

     

    بىر قەدەھ زەھەرنى بەرگىنە جىنىم ،

    سەھەردىن ...ئېسمدىن ...قىچىپ چىقىمەن .

    چىغىر يولدا ئىزىققان سەپەر ،

    مەن يەنىلا سىنى سويىمەن  .

     

    1995-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۇنى (يەكەن )

     

     

     

      

     

     

      

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.