قاينامى:ئۈچ ئوغۇل(داستان)

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-27 21:39:02

ئۈچ ئوغۇل(داستان)رەخىم ياسىن قاينامى1ئاسمانغا تېرىپ قويغان سۆزلىرىميۇلتۇز بولۇپ ياندىلېكىن تىلىنى بىلمىدىم ئۇنىڭتاشقا تېرىدىم كۆردۈم بەختىمدىنكۈلكىسىنى ئاڭلىدىم سۇنىڭبۇلۇتلارغا سىڭگەن ھەسرىت...



     

    ئۈچ ئوغۇل

    (داستان)

    رەخىم ياسىن قاينامى

    1

    ئاسمانغا تېرىپ قويغان سۆزلىرىم

    يۇلتۇز بولۇپ ياندى

    لېكىن تىلىنى بىلمىدىم ئۇنىڭ

    تاشقا تېرىدىم كۆردۈم بەختىمدىن

    كۈلكىسىنى ئاڭلىدىم سۇنىڭ

     

    بۇلۇتلارغا سىڭگەن ھەسرىتىم

    يامغۇر بولۇپ ياغدى

    لېكىن شەكلىنى بىلمىدىم ئۇنىڭ

    سوقتۇم چاقماققا كۆيگەن تېنىمنى..

     

    قاردەك ئاق سايىلەر

    كۆتۈرۈپ كېلەر تاۋۇتۇمنى

    شامال ئاچار يۈزلىرىمنى

    يىغلار دەرەخلەر ھەسرىتىمنى

    قۇلاقلىرىمنى ئەتكەنچە

    يۇشۇرىمەن ئاۋازىمنى

    قوياش نۇرىنى توسۇپ

    يۇشۇرىمەن سايەمنى

     

    كىيىمىنى سالماقتا بىر-بىر

    يالتىراۋاتقان قاراڭغۇلۇققا

    ئاپئاق ئالتۇن يالاتقان زەردار

    ئۇنتۇپ قالدى  ئىسمىنى

    چىللىغان خورازنىڭ تىلىنى كېسىپ

    ئاۋازىغا ئۇلىغان سەردار

     

    ئادرىسىمنى يازىمەن جىمجىت

    ئۇخلاۋاتقان توم-توم كىتاپلار

    شىرىن چۈشىدىن ئويغانغاندا

    پەلەمپەيلەر ئۆيلەردىن چىقىپ

    ئايلانغاندا تاش سۇپىلارغا

    خازان پەسلى كۆيگەن دەرەخلەر

    ياپراقلارغا يىغلىغان چاغدا

    قار ئۈستىدە ياتقان قىزىل گۈل

    قاردىن بۇرۇن ئېرىگەن چاغدا

    چىراق تۈۋىدە ئۆلۈك پەرۋانە

    تاڭلار يورۇپ تىرىلگەن چاغدا...

    2

    تورۇستا ئاسمان

    دەرىزەمگە ئاي پېتىۋاتقان

    تۇغۇلغانمەن يىغلاپ

    ئاتام مېنى تەۋرىتەر تىنماي

    ئانام ماڭا ئاش ئېتىۋاتقان

    ھەدەم جىمجىت يۆلەنگەن تامغا

    ئاكامنىڭ  روھى ئەگىۋاتقان...

     

    بىردىنلا ئۆتتى 35 يىل

    بۈشۈكتە بالام

    بىر قولۇمدا كىتاپ،بىر قولۇمدا بۈشۈك

    شاراقشىتىپ جىمجىت جىملىقنى

    بەزلەيمەن يوقلۇق سوسكىسدا ئۆزۈمنى...

     

    قارايمەن تاملارغا

    سىزىلغان يورۇقلۇقلارنىڭ

    يۇشۇرۇنچە مىدىرلىشىغا

    ۋە ئاۋازلارنىڭ يېنىمدىن ئەگىپ ئۆتۈپ

    دەرىزىگە قېچىشلىرىغا

     

    دەرىزە سىرتىدىكى ئىتلار

    ھىدىنى ئىزدەيدۇ سۆڭەكلىرىمنىڭ

    مەن ئىستەيمەن سۆڭەكلىرىمنى

    ئىزدىشىنى باشقا بىرىنىڭ

    خىيالىمنى چاچىدۇ يوقلۇق

    مەن چاچىمەن قېنىمنى

    گۈللىرىگە قىزىل گىلەمنىڭ

     

    ئوغۇللىرىم ئويناۋاتىدۇ

    قاناتلىرى يوق

    تېنى يوپيورۇق

    ئۆيدىكى ئاسماننىڭ

    گىلەملىرىدە يۇلتۇز چاقنىغان

    تامدىكى دەريالار ئېقىپ باقمىغان…

     

    گىلادىياتۇرلار رىم مەيدانىدا

    لەۋلىرىدە قىزىل تەبەسسۇم

    گويا كۆكتىكى قوياشتەك قاتقان

    ئۈچ ئوغلۇم قەلبىدە ئۈمىد غۇنچىسى

    غۇرۇرى تاغ ئاي-قوياش پاتقان

     

    چىللىماقتا لاي خوراز

    قۇمدەك ئىسسىق ئاۋازى بىلەن

     

    قوياشتۇر ئۈچ ئوغلۇم

    ئۆيۈمنىڭ ئۇپۇقىدىن كۆتۈرىلىۋاتقان

    تورۇستا ئاسمان

    دەرىزەمگە ئاي پېتىۋاتقان.....

    3

    ئەينەك ئىچىدە بىز

    ئەينەك ئىچىدە سۇلغۇن سايىمىز

    سۈمۈرگىنىمىز ئۆزگە بىر ھاۋا

    مېڭىۋاتقان روھىمىز،ئۇچۇۋاتقان ئاۋازىمىز

    توزۇۋاتقان ھەسرىتىمىز

     

    بىز توردىكى شۇ بېلىقلارنىڭ

    قۇرۇقلۇقتىكى سايىسى

    قوياشىمىز سۇغا چىلاشقان

    چىدايمىز تەكچىسىدە ئۇنتۇشنىڭ

     كىتاپلىرىمىز  چىرىپ كېتىۋاتقان

     

    يامغۇرغا قول بەرگەن

    شامال بىلەن دوست بولغان

    بىز دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا مۆكۈنۈپ

    ئاسمانغا يۇشۇرۇنچە باققان

    يۇلتۇزلارنى سانىغان،سانسىز يۇلتۇزلارنى

    مانا ئەمدى...تالاي يۇلتۇزلار ئېقىپ كەتتى سۇ بولۇپ

    تەقدىرنىڭ قاشتېشى ئېرىقلىرىدا

     

    بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدە قېتىپ قالغان ئاۋازلار

    يامغۇرنىڭ سايىسىدە

    كۈنلۈك تۇتقان ئادەملەرنىڭ يەنە بىر قولىدا

    كۆرۈنمەس تاملارنىڭ ئۈستىدە

    سايراۋاتقان ناتۇنۇش قۇشنىڭ بوغۇزىدا

    ئارام ئالماقتا...خۇددى،ئوۋچى،مىلتىق،قۇش ئارىسىدىكى

    بىردەملىك دەمدەك ئارام ئالماقتا...

     

    تەسەۋۋۇر بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى توپىلىق يولدا

    كەلمەكتە بىر ئادەم

    بىر قەۋمنىڭ يۈكىنى ئېلىپ

    ئۇ مېۋىنىڭ بېشارىتى،دەپ

    چېچەكلەرنى يۇلۇۋالاتتى

    ئۇ يامغۇرنىڭ بېشارىتى،دەپ

    شاماللارنى سۈمۈرەتتى

    ئۇ تاڭلارنىڭ بېشارىتى،دەپ

    ئاسمانلارنى يىرتىۋالاتتى

    ئۇ ئارقىسىدا قالغان بارلىق يوللارنى

     خالتىسىغا قاچىلىۋالاتتى...

     

    ئۇ يۇلغان چېچەكلەر

    ئوت ئىچىدىمۇ مېۋە بەرگۈسى

    ئۇ سۈمۈرگەن شاماللار

    توپ-توپ بۇلۇتلارنى ھەيدەپ كەلگۈسى

    ئۇ يىرتىۋالغان ئاسمان

    بىزنىڭ قوياشىمىزنى تۇغقۇسى

    ئۇ خالتىسىغا قاچىلىۋالغان يوللار

    بىزنى كۆككە كۆتۈرگۈسى

    ئۇنىڭ ئەشۇ يۇمران بۇلۇتلىرى

    بىزنىڭ ئۇيقۇمىزغا يامغۇر تۆككۈسى…

    4

    ئويغاندىممەن يېتىم سەھەرگە

    بالىلىقىم يېتىم

    ئەقلىم،ئويۇنچۇقلىرىم،كىتاپ-دەپتەرلىرىم...يېتىم

    يېتىمدۇر مېنى يېتىلەپ ماڭغان

    تەقدىرنىڭ قولى

    يېتىمدۇر ئايىغىم،يېتىم باش-كۆزۈم

    يېتىمدۇر مەن ئوقۇغان مەكتەپتىكى ئورۇندۇق-ئۈستەل

    يېتىمدۇر ھەممە مېنىڭ يېنىمدا...

     

    ئۈچ ئوغلۇم

    يۇلتۇز قاراڭغۇ ئاسمىنىمدا چاقناپ تۇرغان

    ئايىغى يوق كېچىلىرىمدە

    مېنىڭ يېرىم قەدەھ شارابىمنى

    تولدۇردى ئاخىر

    تەقدىر...

     

    چېچەكلىدى يالغۇزلۇقۇم

    باھار بىلەن تەڭ

    قايتتىم ئاخىر قۇرۇغان دەريادىن

    ئۇسسۇزلىقىمغا سۇ باشلاپ

    قايتتىم ئاخىر سۇلغان ياپراقتىن

    ھاياتىمغا يېشىللىق باشلاپ

    قايتتىم ئاخىر ئادەملىكىمگە

    بارلىق رەڭۋاز رەڭلەرنى تاشلاپ

     

    يايدىم ئاسماننى ئۈچ ئوغلۇمنى دەپ

    سانجىدىم يۇلتۇزلارنى كۆزۈمنى ئويۇپ

     

    مەن ئەما قوياش

    ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈگرەيدىغان

    مەن توكۇر ئاي

     ھەر چاغ ئۇلارنىلا ئەگىيدىغان

    مەن سۇلغۇن شامال

    ئۇلاردىن شادلىق ئىزدەيدىغان

     

    مەن كۆيگەن ياپراق

    ئۇلارنىڭ شېخىغا قونۇۋالغان

    مەن كۈز

    ئۇلارنىڭ باھارىدا ياشىرىۋاتقان...

     

    ئۇلار ئويناۋاتقان ئويۇن

    مېنىڭ ئويۇنلىرىمدەك رەزىل ئەمەس

    ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى سۆز

    مېنىڭ سۆزلىرىمدىن مىليون ھەسسە چىن

    ئۇلار  پەرىشتە

    مەن بىر جىن...

     

    ھايات بەلكىم

    ئولار سىزغان رەسىم

    مەقسەتسىز...

    5

    ئوغلۇم ئۈچتۇر

    دەريا،تاغ،دېڭىز ئۈچتۇر

    كۈن،ئاي،يۇلتۇز ئۈچتۇر

    جىنلار توختاپ قالغان ئاسمان ئۈچتۇر

    ئۈچتۇر مېنىڭ چېگرا سىزىقىم

    مەن كۆرگەن دۇنيا ئۈچتۇر

    ئۈچتۈر مەن ئوۋلىغان كېيىك

    مېنى ئوۋلىغان ئوۋچى ئۈچتۇر

    ئۈچتۇر كۆكسۈمگە تەككەن ئوق

    تاغلىرىمغا يامىشىپ ئويناۋاتقان بۆرە ئۈچتۇر

     

    كىشلىك ھاياتتىكى گۆھەر ئۈچتۇر

    قەلبدىكى گۆھەر ئۈچتۇر

    ئابىتلاردىكى گۆھەر ئۈچتۇر

    ئانىلاردىكى گۆھەر ئۈچتۇر

     

    تۈركلەرنىڭ تۇغى ئۈچتۇر

     ئالتۇن تېغىدا ئۇچراشماقچى بولغان خاقان ئۈچتۇر

    بېلگە قاغان بىرلەشتۈرگەن تۇغ ئۈچتۇر

    ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىدىكى

    بوۋاينىڭ ئۇيۇشقان ئوغۇللىرى ئۈچتۇر

    ئوغۇللىرىم ئۈچتۇر

    ھەر مەرتە ئۈچتۈر…

    6

    مۈرىلەردە كۆتۈرگەن يۈكلىرىمىزدە

    ئەتىنىڭ غايىپلىقى...

     

    قاراڭغۇ كۈندۈزلەر

    سۆڭەكلىرىمىز چىرىۋاتقان ئازگاللاردىن

    بىر-بىرلەپ چىقماقتا مەشئەل كۆتۈرۈپ

    سۆزىمىز قاراڭغۇ مەشئەل تۈۋىدە

    ئاۋازىمىز كېچە رەڭگىدە

     

    مانا بۇ بىزنىڭ كۈندۈزىمىز،بالىلىرىم:

    ئۆيدىن چىققان ئاتا

    بالىسىنى ئەستىن چىقىرار

    ئانا ئۆيگە كىرىپ

     بالىسى بارلىقىنى ئېسىگە ئالار...

     

    مانا بۇ بىزنىڭ كېچىمىز بالىلىرىم:

    چۈشىمىزدە كىيىم سالساق

    رېئاللىقتا رەسۋا بولارمىز

    خىيالىمىزدا شاراپ ئىچسەك

    كوچىدا مەست پەيدا بولارمىز

     

    مانا بىزنىڭ رېئاللىقىمىز

    ئۇيقۇمىزنىڭ كۆك ئاسمىنىدا

    قىزىل رەڭلىك ئاي چىقىۋاتقان

    بۈزرۈك ئاتا خىزىر قولىدىن

    ئالتۇن رەڭلىك كەتمەننى ئېلىپ

    ئويغانغاندا كۈن پېتىۋاتقان...

     

    جىم تۇرۇپ ۋاقىرايمەن

    توۋلاپ چۈش كۆرىمەن

    خەت يازسام ئۆزۈمگە يازىمەن

    ئوڭ قولۇمدىن ئېلىپ سول قولۇمغا بېرىمەن

    كېپەنلىك پىچسام

    ئۆزۈمگە پىچىمەن

    پۇل تاپسام

    ئۆلۈمىمنى سېتىۋالىمەن

    خەرىتە سىزسام تېنىمنى سىزىمەن

    كىيىم بىلەن ئۇخلاپ

    يالىڭاچ قوپىمەن

    پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ

    ئاسمانغا چىقىمەن

    ئۆيۈمدىن چىقسام

    قەبرىگە كىرىمەن

    قېرىنداشلىرىمنى ئۇچراتسام

    ئۆزۈمنى قۇدۇقتا كۆرىمەن...

    7

    بۇ دەريا ئاداققىچە ئاقىدۇ...

    بۇ دەريا

     ئۇلۇغ بوۋامدىن

    قوچقار بوۋامغىچە

    ۋە ئاندىن ئاتامغىچەئېقىپ كەلگەن

    ئەمدى مەندىن سىلەرگە باشلاندى...

     

    بۇ دەريادا

    ئادەم ئاتا بېلىق تۇتقان

    نوھنىڭ كېمىسى ئاققان

    ھەزرىتى مۇسا مۇشۇ دەرياغا ئەگىشىپ

    فىرئەۋىننىڭ بېغىغا يەتكەن

    يۇنۇس پەيغەمبەر مۇشۇ دەريادا

    بېلىقنىڭ قارنىغا كىرگەن

    تاھىر مۇشۇ دەريادا ئۆلگەن

    مەختۇمسۇلا مۇشۇ دەريا بويىدا چېچىنى تارىغان

     

    شەھرى بابىل

    بولغاندا گۇمران

    كۆككە تاقاشقان بابىل مۇنارى

    مۇشۇ دەرياغا يىقىلغان

    شاھ مەشرەپ

    مۇشۇ دەرياغا سىيگەن...

     

    سادىر پالۋان كولىغان لەخمە

    مۇشۇ دەرياغا تۇتاشقان

    ئەخمەتجان قاسىمى مىنگەن ئات

    مۇشۇ  دەريا بويىدا توختاپ قالغان

    بىر سەھەرنىڭ قانىتى سۇنغان

    شۇندىن بېرى تاڭ ئاتمىغان...

     

    بۇرۇن-بۇرۇندىكەن

    تېرىق تۇلۇمدىكەن

    يېتىم بۇلۇڭدىكەن

    مۇشۇ دەريا بويىدا

     بىر ئات ئوتلايدىكەن

    بىر قىز يىغلايدىكەن...

     

    بۇرۇن-بۇرۇندىكەن

    قىرغاۋۇل جەدىكەن

    قۇيرۇقى يەدىكەن

    مۇشۇ دەريا بويىدا

    ئۈچ ئوغۇل تۇغۇلغانكەن

    تۇغۇلۇپ تىلى چىقىپ

    تاڭنا ئەر يېتىلگەنكەن...

     

    قار ياغار

    قاناتلىرى يوق

    يامغۇر چۈشەر

    قوللىرى سۇنۇق

    سىلەرگە ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ

    بىر تېمىممۇ سۈيى يوق...

    8

     بىزنىڭ يۈكسەكلىكىمىز چوڭقۇر ھاڭلاردا

    بىزنىڭ دەرىخىمىز

     شاراپ ئىچكەچ

    پالتا بىلەن مۇڭداشماقتا...

     

    بالىلىرىم!

    تاملىرىمغا سىزىڭلار دەريا

    تاڭنا بىر كۈن ئاقسۇن ئۆركەشلەپ

    پىشانەمگە سىزىپ بىر چەمبەر

    ئەركىلەڭلار قوياشىمىز دەپ

    بىر-بىرىمىزنىڭ قوياشى

    كۆتۈرۈلسۇن يۈرىكىمىزدىن...

     

    روھ بۇلۇتلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان

    ياپراقلارنىڭ سۇلغۇنلىقىدا

    شاماللارنىڭ پەريادىدا

    سۆڭەكلىرىمىزگە سىڭىپ كېتىۋاتقان

    ناتۇنۇش ئاسمانلارنىڭ ئاۋازلىرىدا

    بىزنىڭ ئىسمىمىز قايغۇدۇر

    لېكىن بىزگە بېرىلگەن خاتىمىلەر

    بىزنىڭ باشلىنىشىمىزدۇر

     

    ۋەسىيەتنامە:

    ئوغۇللىرىم،ئۇپۇقلارنى ئەستىن چىقىرىڭلار قولۇڭلارغا قونمىغان

    تاشلاپ كېتىڭلار ئۇ ھەقىقەتنى مۈگدەپ قالغان

    قارىماڭلار ئۇ ئاسمانغا يۇلتۇزلارنى ئۆلۈمگە ھەيدىگەن

    ۋاز كېچىڭلار ئۇ رەزىل پۇرسەتلەردىن بىزنى بىھۇدىلىككە باشلىغان…

    ئەسلىمەڭلار مېنىڭ سەكراتتىكى بالىلىقىمنى

    يىغىپ ساقلاڭلار مېنىڭ كۈندۈزلىرىمنى ھەر تەرەپتە چېچىلىپ ياتقان

    مېنىڭ ئۇيقۇمنى سۆرىگەنچە تاشلىۋېتىڭلار

    ھەرىدەڭلار مويتۇڭزىدا مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى داتلاشقان

    مېنىڭ قەبرەمنى تۈزلىۋېتىڭلار شەرەپسىىز

    ئاۋازىمنى كۆيدۈرۈپ تاشلاڭلار مېنىڭ يىرتىلغان

    ئۇ سايىنى چەيلىۋېتىڭلار ماڭا ئۇزۇن يىل ئەگەشكەن

    يىرتىۋېتىڭلار مېنىڭ سۆيگۈ خېتىمنى رەقىپلەرگە ئاتالغان

    بالىلىرىم،سىلەر ئۇ قېرى دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاڭلار

    مېنىڭ روھىمدا ئۇزۇن يىللار قاراڭغۇ ياشىغان...

    خاتىمە:

    بالىلىرىم!

    تاملىرىمغا سىزىڭلار دەريا

    تاڭنا بىر كۈن ئاقسۇن ئۆركەشلەپ

    پىشانەمگە سىزىپ بىر چەمبەر

    ئەركىلەڭلار قوياشىمىز دەپ

    بىر-بىرىمىزنىڭ قوياشى

    كۆتۈرۈلسۇن يۈرىكىمىزدىن...

    2011-3-29

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.