مەن ۋە ئوقۇرمەن
ئادىل تۇنىياز
شېئىرىمنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن ئىككى
بىر ئەركىشى ۋە جەزمەن بىر چىشى.
ھاڭگا تېرەكتەك ئەر كىتابخان دەر:
-«سۆزلەر-كۆزى يورىغان كەپتەر.»
ئايالنىڭ دەردى توزغاقتىن ئېغىر
بوۋىقى شاختىن ئۇچۇپ كېتەر.
ۋارقىرىدى ئاتلىق شېئىردىن
يىقىلىپ ئۆلۈم قوپقان چەۋەنداز:
«-ئوقى بارمۇ ئاتقان تاز
ئوقى يوقمۇ ئاتقان تاز...»
شېئىرىم سۈت تەملىك، رەڭگى بۆلجۈرگەن
سېغىزدەك چاينار چوكان ئوقۇرمەن.
مەن ئالەمنى ھەجىلەپ ئوقۇپ
كەلدىم ئۇيغۇرچە قوشاق توقۇپ.
مەن كەلسەم بارچە سۆز ئورنىدىن قوپۇپ
ئولتۇرار بىر شائىر كۈلۈپ زورۇقۇپ.
سامادىكى بىر كىتابنىڭ مەن
زېمىندىكى كىتابخانى مەن.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.