ياسانماي كەلگىن(مۇھەممەتجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 09:28:58

ياسانماي كەلگىن مۇھەممەتجان راشىدىن ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ، چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ . ئالتۇن دەيمەن پۈتكۈل بويۇڭنى ، ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ . ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن، نەدە گۈلنى...

    ياسانماي كەلگىن

    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

     

     ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ،
     چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ .
     ئالتۇن دەيمەن پۈتكۈل بويۇڭنى ،
    ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ .

     

     

    ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن،

    نەدە گۈلنىڭ تارانغىنى بار .

     بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ،

     نەدە سەندەك يارالغىنى بار ؟

     

     

     ئەتىر چېچىپ ئاۋارە بولما،

     چاچمىساڭمۇ ئەتىر پۇرايسەن.

     تۈندە بولسا ئاي قاراڭغۇسى،

     كېلىۋەرگىن، ئۆزۈڭ بىر ئايسەن.

     

     

     قېلىشمايسەن ھېچكىمدىن گۈلۈم ،

    ئەتلەس ئەمەس،  چىت كۆڭلەك كەيسەڭ.

     ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن،

     خاتىرجەممەن ياسانماي كەلسەڭ

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.