خوش قاراقلارىڭ

يوللىغۇچى : ozlet يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-27 21:09:48

خوش قاراقلارىڭ

    خوش قاراقلارىڭ
    -مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت

     
    خوش قاراقلارىڭ
    سەبىي مەۋسۇمدە
    كۆڭلۈم يۇتقانىڭ
    سەبىر ئىلكىدە
    يىللار تۇتقانىم.
    بىر بېقىشلارىڭ
    يۈرەك خاۋاتىر
    ئىككى ئىلتىپات
    جانۇ- جاھانىم.
     
    خوش قاراقلارىڭ
    ئاچماي جامالىڭ
    بولغاي نەھالىم.
    ئۈزۈمدۇر سەھۋەن
    كۆڭلۈم سۇنغانى
    پىغان يۇتقانىم،
    كۆڭۈل مۈلكىگە،
    خىيال كۆكىگە،
    ئەسرۇ ئويۇمگە
    پۈتكەن سىزغانىڭ ...
    خوش قاراقلىرىڭ
    ياغلىق مارىلاپ
    تۇرغان چاچلارىڭ،
    ھايا شول دىگەن
    توستى چىتلارىڭ،
    خۇلقى شول دىگەن
    ئىرىپ يۈزلەرىڭ.
    خوش قاراقلارىڭ
    ئۈنسىز لەۋلەرىڭ،
    تىرناپ قوللارىڭ،
    كىرپىكلەرىڭ نەم
    سەن قالدىڭ.
    خوش قاراقلىرىڭ
    يەتمەي ياخشى سۆز
    دىلى ئازارىم.
    سورىما مەندىن
    نەدۇر گۇناھىم ؟
    زۇلمەتتە پارلار
    ئول ھىلال ئايىم
    سەندەك بىرچىراق
    ئالغاي قاتاردىن،
    سەبىر بىرىپتۇ
    ئۇلۇغ خۇدايىم.
     
    ھىكمەت يولىدا
    قەلبى چوغلارىڭ!
    خوش قاراقلارىڭ ...


    مەنبە: خاتىرەمدىن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.