ياۋايى چاشقانلار ئاپىتى (ئەلتۈرۈك)

يوللىغۇچى : alturuk يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-28 16:29:00

ياۋايى چاشقانلار ئاپىتى (ئەلتۈرۈك) رىستۇراننىڭ بەزمىسىدە، سۆلەتۋازلار كۆرگەزمىسىدە. ياۋايى چاشقانلار ئۈلۈم پۇراقلىق ئەتتىر گۈلنى قىسىۋېلىپ قۇلىقىغا ھاياتىنى يەيدۇ غاجىلاپ. 21-ئەسىر رىقابەت دەۋرى...

    ياۋايى چاشقانلار ئاپىتى

    (ئەلتۈرۈك)

       رىستۇراننىڭ بەزمىسىدە،
    سۆلەتۋازلار كۆرگەزمىسىدە.
    ياۋايى چاشقانلار ئۈلۈم پۇراقلىق ئەتتىر گۈلنى قىسىۋېلىپ قۇلىقىغا ھاياتىنى يەيدۇ غاجىلاپ.

     21-ئەسىر رىقابەت دەۋرى.
    بوي تالىشىپ ھەشقىپىچەكلەر
    چۈش يىپىنى ئىگىرىدۇ بەكمۇ ئىگىز.
    ئۈيىدىن قېچىپ ئاچ قورساق بالا،
    ئىجات قىلدى دۆڭلۈكتە مازار .

     قاراڭغۇ بازاردا
    مەن ئۆزۈمنىڭ قاتىلى چۇقۇم؛
    قىزلىق ئپپەت، سىرلىق مەخپىيەت.
    ئۇ پاك ۋە سۈزۈك
    راست گەپنىمۇ ئېيتالماس كېكېەچلەپ،
    ئۇگوياكى سەن ياكى مەن
    يىلتىز ،مىللەت ،دىن ئۇنتۇلغان.
    قورقىمەن ھاياتلىقنى توپان بالاسى ئوۋلارمۇ دەپ ...
    * * * *
    مۇلايىم چاشقان
    مەن ياكى سىلەردەك سۆزلەپ
    تىللىرىنى سۇزىدۇ يىراق
    تۈكۈلگىنى بىردۆۋە پىراق.

     تەغدىرىڭنىڭ قارا سىياھى
    قىستاپ سىنى كەلگەندە بىركۈن
    ھەي بىچارە ئەمدى كىمگە يىغلاپ بىرەسەن...
    قۇلاق سال
    « ياخشىلارغا جەننەت بۇدۇنيا،
    نادانلارغا يىشىلمىگەن سىر .
     پاك ياشاپلا ئۆتسەڭ ئالەمدىن،
    ئەۋلادلارغا قالماس سەندىن كىر.»


     ئاخىرقى بىر كۇبلىت پىشقەدەم شائېر ھەسەن تىلۋالدىنىڭ جاپابىلەن راھەت قوشكېزەك ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 11:35:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق