ئۆز يارىڭ(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 22:35:20

ئۆز يارىڭمۇھەممەدجان راشىدىنئۆزگە باغقا كۆز سالما، ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ، نېمە تەشۋىش ئالەمدىن، تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ. ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ، ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ...

    ئۆز يارىڭ
    مۇھەممەدجان راشىدىن



    ئۆزگە باغقا كۆز سالما،  ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،
    نېمە تەشۋىش ئالەمدىن،  تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.
    ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،
    ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ.

    يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم،
    لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبى بىر تېلىم.
    مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فېلىم،
    مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ،  ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ.

    پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
    تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا،  ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس.
    يۆلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
    نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ.

    يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،
    ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا يارىڭ،  ئامان چىقساڭ خەتەردىن.
    يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
    تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ.

    جۇدالىققا دۇچ كەلسە،  ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ،
    سەن بولمىساڭ،  سۇ تۇتۇپ،  ئۆزى خامان چەشلەيدۇ.
    بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى،  ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ،
    راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ.

    چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،
    ئاش ئۇسقاندا،  بىچارە بىللە چىقىپ بىنەمگە.
    باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،
    تولغىنىسەن راھەتتە،  ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.

    كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ،  تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى،
    سەن تالانى ئويلىساڭ،  ئۆيدىن باشلار پاراڭنى.
    دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمەس يىرتىقىڭنى،  ياراڭنى،
    سۆيگۈڭ كېلەر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ.

    جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت،
    چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر - زېمىنغا سائادەت.
    باھار قەلب،  ياز چىراي،  ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت،
    كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ،  شەرەپشاندا ئۆز يارىڭ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.