چىمەنقۇش (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-06 19:50:00

چىمەنقۇش (چىمەنگۈل ئاۋۇت) چىمەنقۇش چىمەنگۈل ئاۋۇت قېچىپ چىقتىم شۇ قەدەر مەغرۇر بۇ لەنىتى يالغۇز شەھەردىن. كۆنۈپ كەتكەن ئازابلىرىممۇ توسالمىدى مېنى سەپەردىن. بىلىندۈرمەي خوش دېدىم تاتلىق، ئەي...

    چىمەنقۇش  (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

         چىمەنقۇش چىمەنگۈل ئاۋۇت  قېچىپ چىقتىم شۇ قەدەر مەغرۇر بۇ لەنىتى يالغۇز شەھەردىن. كۆنۈپ كەتكەن ئازابلىرىممۇ توسالمىدى مېنى سەپەردىن. بىلىندۈرمەي خوش دېدىم تاتلىق، ئەينىكىمگە،تاملىرىمغا ھەم. شاخلاردىكى يۇپۇرماقلىرىم شىرىقلىدى ،كۆزلىرىدە نەم. يارىدەكلا سويۇلغان قۇياش نۇر ئورنىغا تۆكتى بىر دەرمان. قىلىچى يوق ئەركەككە ئوخشاش كەچمىشلەرنىڭ سۈلكىتى سۇنغان. سېغىنىشم قاينار پۇرۇقلاپ، شۇنچە نەمخۇش ئىسسىقتۇر ھاۋا. ھېچنىمىنى سەزمىدىڭ تېخى، مېھرىم بىلەن كۆمۈلدۈم ساڭا كۆرۈشىمىز قانداق بىر ھالدا، تەكرار-تەكرار قىپ باقتىم خىيال، باسارسەنمۇ باغرىڭغا جېنىم، كۈلۈپ كەلسە تەلۋە بىر ئايال، قوللىرىمنى سىقارسەنمۇ چىڭ، كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ. ئۇنتارمەنمۇ يىغلىۋېلىشىنى كۆز ياشلىرىم كەتكەندەك قۇرۇپ. سەن ئامراق رەڭ تامغان بويۇمدىن، ھىدلارسەنمۇ چىمەنلىكىڭنى تەرلىرىڭگە بۆلىنىپ تۇرۇپ سورارسەنمۇ ئېسەنلىكىڭنى؟ شۇنچە چوڭقۇر سۈزۈكتۇر تۇيغۇم، ھاياجاندەك كۆكلەيدۇ ۋاقىت. ئەسھابۇل كەئىبىنىڭ ئەگەشتى بىر ئىت. 2 ھەر تىنىقىم بولماقتا چاك-چاك، ناماز شامدەك سۆيۈملۈكتۇرمەن. چاچلىرىمنى قاماللاپ يېنىك ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلۈپ قويىمەن. كىچىكىمدە ئاينى ئېپ بەر دەپ سالغانىدىم ئانامغا جاپا. ناخشا ئوقۇپ بەرسەم گۈللەرگە، بولمىغانتى داداممۇ خاپا. پاتقاقلارنى سۇۋاپ يۈزۈمگە ئالۋاستىغا قالسام ئايلىنىپ مەلىدىكى ئاداشلىرىممۇ قاچىمىز دەپ قالغان يارلىنىپ يىغىۋېلىپ چۈمىلىلەرنى قۇم ئۈستىدە سالاتتىم جەڭگە گاھى قوغلاپ كۆلەڭگەمنىمۇ، چۆمۈلەتتىم قاپقارا تەرگە. ئۆتسىمۇ ئاھ ،شۇنچە ئۇزاق يىل، قالماپتىمەن ساراڭلىقىمدىن ئوقچۇپ چىقتى قىسمىتىم ئاخىر قاينام بولۇپ تاشقان ئۈنۈڭدىن بۇ ئۆمرۈمدىن ھالقىغان بىر كۈن، تاۋلاپ ئۆتتى بۇلۇتلارغىمۇ سېنى سۆيۈپ قالغانلىقىمنى يېتەر ئەمدى ساڭا نالىشىم، قالدى يەنە ئون تۇققۇز مىنۇت ئاچالمىدىم كۆزۈمنى جېنىم قاپلاپ كەتتى جاھاننى بىر ئوت 3 باغرىڭغىلا سانجىلدىم ھەيھات نۇردەك يۇمران ئىللىقتۇر تۇرقۇم يۇشۇرمايمەن، بىر ئۆمۈر ئەمدى – باردۇر مېنىڭ شۇنداق ياشىغۇم. ۋەسلىڭ قاينار ھاياجىنىمدەك ياشاش ئۈچۈن چەيلەندىم تولۇق ۋارقىرىغۇم كەلدى بىمالال ئايال بولغاچ ئۇلۇغمەن ،ئۇلۇغ ھويلىدىكى ئاپتاپپەرەسنى خىيال قىلىپ قالدىم تۇيۇقسىز باياۋاندىن چىققان مەجنۇنمۇ تىنچ –ئامان چىلان تورۇقسىز. چىكىلمىدى ئىشىكىم تېخى بوش يۇمۇلغان كۆزۈمنى ئاچتىم بىر تال پاشا چاقماقتا مېنى قىسمىتىمدەك سۇ بولۇپ ئاقتىم تەرلەپ پىشىپ كېلىسەن ھېلى بىلىسەن ھەم سېغىنغىمىنى يۇلتۇزدەكلا پارلايدۇ جىمجىت بىز ئولتۇرغان دېھقاننىڭ ئۆيى كۈنجۈت-كۈنجۈت ،ئىشىكنى ئاچقىن ئېچىلمىدى ئۆينىڭ ئىشىكى سىم-سىم .سىم-سىم ،ئىشىكنى ئاچقىن ئېقىپ چۈشتى تۈننىڭ يىلىكى 4 كۆزلىرىڭدە پورەكلەر ئۇيقۇ چاچلىرىڭنى پۈۋلىدىم يېنىك تاڭ ئاتقاننى سەزمىدى خوراز چىللىمىدى قېنىپ ،بىر قېنىپ بۇغۇزۇمدا ئاچچىق رېئاللىق يۇيۇۋەتتىم ئۇنى مىڭ تەستە قايرىمىدىم پەردىنى لېكىن قۇياش بەلكىم بولغاندۇ خەستە كۈنجۈت-كۈنجۈت ،ئىشىكنى ئاچقىن يىرتىلماقتا گۈلنىڭ يۈرىكى سىم-سىم ،سىم-سىم،ئىشىكنى ئاچقىن ئۈزۈلمەكتە تۈننىڭ تىنىقى ياشتەك يامراپ چىقتىم ئىشىكتىن قارىمىدىم ساڭا ئەركىكىم بىر ئۆمۈرغۇ چىدىشىم ئېنىق چىدىمىدىم لېكىن بۇ قېتىم ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن ئۈزۈۋالدىم كەلدى بىرەر تال قارىسام ئاھ،لېۋىمنى چىشلەپ سايىمىزمۇ بولۇپتۇ تال-تال ۋاقىت مېنى ئەزمەكتە يەنە يول بويىدا تۇرىمەن خامۇش قەپىسىڭنى گۈلگە تولدۇرۇپ قەپىسىگە قايتتى چىمەنقۇش 5 پىژ-پىژ كۆيۈك ئېرىيدۇ تاتلىق تاغ ئارىسى ئۇزۇن ،بەك ئۇزۇن كۈمۈش رەڭگە كىردى بۇ دۇنيا كۆتۈرۈلدى ئىسسىق بىر قۇيۇن شۇنچە ھارغىن ،سۈزۈكتۇر تۇيغۇم ھاياجاندەك كۆكلەيدۇ ۋاقىت ئەسھابۇل كەئىبنىڭ يوللىرىدىكى ئۈچ ئادەمگە ئەگەشتى بىر ئىت بىر –بىرىنىڭ كەينىدىن ئۇلار غار ئىچىگە كىردى قىستىلىپ ئۇخلاپ قالدى يۆلەنگەن پېتى كەتتى پاكىز روھقا قېتىلىپ كۈلۈپ سالدىم شۇ قەدەر غەمكىن سۆيۈملۈكتۇر يەنىلا ھايات غۇلاپ چۈشتۈم باغرىمغا تەكرار چانالغاندەك مەندىكى قانات!!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق