باشتىن باشلايمەن(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 17:26:47

باشتىن باشلايمەنئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرخوتەنسەن روھىمدا چېچەكلىگەن يار،تىنىق ھەتتا قېنىمىز تۇتاش.سەندىن جۇداشەھەر تىللىرىدا ئېيتساممۇ ناخشا،سولغان قىياقلىرىڭنىڭ رەڭگىدىن بەتتەرياشايمەن ئۆلۈمن...

    باشتىن باشلايمەن

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    خوتەن

    سەن روھىمدا چېچەكلىگەن يار،

    تىنىق ھەتتا قېنىمىز تۇتاش.

    سەندىن جۇدا

    شەھەر تىللىرىدا ئېيتساممۇ ناخشا،

    سولغان قىياقلىرىڭنىڭ رەڭگىدىن بەتتەر

    ياشايمەن ئۆلۈمنى ئىتىپ چىڭ باغاش.

     

     

    ۋەتەنسىز ھايات

    قانىتى قىرقىلغان قۇشنىڭ ئۆلىمى.

    بىر كۆزىڭنى قىسساڭمۇ يۈز يىل

    يۈرەكنىڭ ھالسىز دۈپۈرلىشىدە

    ھەممە يەر بىر قانلىق جەڭنىڭ كۆرىمى.

     

     

    باغ ئەمەس كۈلكەم باغ يۈرسەممۇ باغدا،

    تاغ ئەمەس قەددىم تاغ يۈرسەممۇ تاغدا،

    باغرىمدا تۈمەنمىڭ ھىجران خەنجىرى،

    ئىچ-تېشىم قان-يىرىڭ ساقايماس داغدا.

     

     

    لەۋلەردىن شەربەتلەر ئىچسەممۇ قېنىپ

    چاڭقاقلىق دەشتىدە تىنىم ئوت-لاۋا.

    ئەتىر ھىدلىرىدىن قىلساممۇ پەرۋاز،

    ئادەم ئاتا مىنى بار قىلغان

    ھاۋا ئانامنىڭ ئىسسىق قوينىدەك

    شۇ ئاددى كەپىدە جىمى ساپ ھاۋا.

     

     

    خوتەن

    سەندىن ئايرىلىپ سىرداش كۆرمىدىم

    كۆرگىنىم قان ئىچەر يالتىراق سۆزلەر.

    ھېچنىمە يوق ئۈلۈك سەمىمىيەتتىن

    قاياققا باقساڭ شۇ جان سورار كۆزلەر.

     

     

    تەنھامەن نەچچە لەك ئادەملەر ئارا،

    كىچە بولماس كوچىلار رەڭسىز

    غېرىپلىق مۆلدۈردەك ياغار قەلبىمگە.

    گاچىمۇ ئەمەس مەندەك بىچارە

    بىر بۇردا نان كەلمەس ئۇيغۇرچە گەپكە.

    دات باسقان قۇلۇپتۇر،

    قۇلۇپتۇر تىلىم

    ماڭا يول باشلايدۇ ئىما-ئىشارەت.

    يۈرگەندىن ئەرىشنىڭ پەيزىدە ئۇچۇپ

    خوتەنچە سۆزلەپ

    لاي سۇ بولسىمۇ قانغۇدەك ئىچىپ

    زاغرا چىقسىمۇ ئېتىزدىن قاچماي

    ئىشەككە مىنىپ ياشاشنىڭ ئۆزى

    دۇنيادا شۇ ئىكەن ھەممىدىن راھەت.

     

     

    مەن بۇيەردە

    بېشىمنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن

    يېڭىلاپ ئازاپنى قاسراق تاشلايمەن.

    نېنىمنىڭ سەندىلىكى ئويىمدىن كىچىپ

    دېڭىز دولقۇنىدەك كۆزنى ياشلايمەن.

    يىتەلىسەم ساڭا بىر كۈنلەر

    ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ شىرىنلىكىدىن،

    ھاياتنى سەن بىلەن،

    باشتىن باشلايمەن...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.