كەل، جېنىم! باھارغا بىللە بارايلى

يوللىغۇچى : jallat7 يوللىغان ۋاقىت : 2013-11-17 15:03:45

مۇھەببەت لېرىكىسى

     
    كەل، جېنىم! باھارغا بىللە بارايلى
     
     
    ئابدۇرېشىت سۇلايمان
     
    كەل، جېنىم! باھارغا بىللە بارايلى،
    سايىلەر بىزلەرگە بەرسۇن ئاي نۇرى،
    كۈلكىلەردە قاراڭغۇ كېچە،
    ئورمان، جىمجىتلىق-بەختىمىز ئىسمى.
     
    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    قۇشلارنى كېمەمدە ئېيتقۇزۇپ ناخشا.
    باھارنى تاپايلى ئورمان ئىچىدىن،
    تاغلارغا بېرەيلى سۆيگۈدىن سادا.
     
    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    چېچەكمەن مەن ساڭا، قۇشلارنىڭ سەھىرى.
    چىلتامنى تاشلايمەن ئازابلار بىلەن،
    ئوقۇيمەن سۆيگۈنىڭ چوڭقۇرلىقىنى.



    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    لەۋلەرگە نۇر چاچار باھار قۇياشى.
    جۇدۇندا يېنىڭدىمەن، ھەر ۋاقىت بىلسەڭ،
    سەھەردۇر، بىز تۇرغان چىدىرنىڭ ئىسمى.
     
    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    قۇياشنى چىللايلى چىدىر تۆرىگە.
    قىزىل گۈلگە ھەۋەس قىلاتتىم،
    ئېچىلىپ تۇرغايسەن ھەردەم ئۆيۈمدە.



    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    ئۆلۈمنى بىلمەيمەن ھاجەتلىرىمدە.
    بوراندا شائىردەك ياشىسام دەيمەن،
    تولۇن ئايدەك كۈلكىلىرىڭدە.
     
    كەل، جېنىم!! باھارغا بىللە بارايلى،
    ھىجراننى بەختكە چىللاپ قويايلى.
    يۇلتۇزلارنى ئۇچقۇنى بىلەن
    لەززەتلەردە ساقلاپ قويايلى.
     
    2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۇنى (يەكەن)
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇرېشىت