شوجاڭ(ساترا)

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-27 00:07:00

شوجاڭ(خىزمەتداشلار سەمىگە)كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسىباش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسىكۈندە مىڭ «خوش- خوش » نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسىتوغرا ئۆتمەڭ...



      

    شوجاڭ

     ( خىزمەتداشلار سەمىگە )

     كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

    باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

    كۈندە مىڭ «خوش- خوش » نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

    ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    ئالمىغان ھوقۇقنى ئۇ ھەرگىز ئاسانلا قولىغا

    تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈدە ماڭغان يولىغا

    ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا

    سېتىۋالغان تۆگىنى ئۇ تۈگمە ساتقان پۇلىغا :

    توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر

    كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات، خالىغانچە كىشنىتەر

    ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا، بۇيرۇق بىلەن كىش-كىشلىتەر

    سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكىلات بىلەن يەر چىشلىتەر,

     مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    ئالتە كۈندە سىزگىمۇ «تارقاقلىشىش»①نىڭ گېپى بار

    بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا باخشىلارنىڭ دېپى بارi

    ياخشىلارنى «ئىقتىدارسىز»دەپ چېقىشقا ئېپى بار

    «يا قىزىل، ياكى ئىگىزيەر②گە مېڭىڭ»دەپ خېتى بار ‑­

    كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا تۇققىنىنى قويىدۇ

    ئىززىتىنى-ھۆرمىتىنى ئۇققىنىنى قويىدۇ

    پايدا-مەنپەت نەدە بولسا يوققىنىنى قويىدۇ

    ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ

    قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھېممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى .

     

    بىرلىرى ۋالىيغا يا شۈجىگە يۇرتداش كېلىدۇ

    بىرلىرى ھاكىمغا تۇغقان، دوست-ساۋاقداش كېلىدۇ

    بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش-پىكىرداش كېلىدۇ

    بۇنى ئېيتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس تاش كېلىدۇ

    سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست-ئۈلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    بولسىڭىز خانىم ئەگەر، لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ

    مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ- ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ

    ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ-چىڭراق قىلىڭ

    ئەت-ئۆگۈن دەپ يەنە يۈرمەڭ، بۇنى تىزراق قىلىڭ

    ئىرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    «شوجىڭىم»دەپ، «باشلىقىم»دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ

    دۇمبىسىنى ئۇۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ

    تال چىۋىقتەك تولغۇشۇپ قاش-كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ

    ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ. غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    «ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ

    يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ

    تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ

    جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ

    ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    نېمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دېگەن

    نېمە ئۇ ھوقۇق-ئەمەلنىڭ ئالدىدا مېھنەت دېگەن

    نېمە ئۇ ۋىجدان ، غۇرۇر،بىلىم دېگەن، خىسلەت دېگەن

    نېمە ئۇ ۋەتەن دېگەن، ئەۋلاد دېگەن مىللەت دېگەن

    تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    كۈندۈزى ئادەم سىياقتا، كېچىسى شەياتن بۇلۇڭ

    رېستۇرانلاردا، قاۋاقتا ئادىمى ھايۋان بۇلۇڭ

    قىز تېىپىپ، چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز «مېھمان»بۇلۇڭ

    مەيلى خەق«دەللال» دىسە، شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بۇلۇڭ

    ئار-نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى­

     

    باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دېگەن

    شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دېگەن

    بىر قوتۇر ئېشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دېگەن

    بولمىسا بىر يولىڭىز، بىر يول قىلار شوجاڭ دېگەن

    قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    قاغىلارنى «ئاق»دېسە«ئاق» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

    «ئىككى»نى ئۇ «تاق» دېسە،«تاق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

    «ياق»دېسە ئۇ، سىزمۇ ھەم «ياق!» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

    ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەرىكەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز

    دۇلىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز

    باشقىلار«قوغلاندى» دەر، قايغۇ-ئەلەمگە پاتىسىز

    جۆرىڭىز يوق، بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز

    تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت بىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    سىزنى خىزمەتداش بىلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىدىم

    تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم-دەرتنى دىدىم

    مەيلى ئاڭلاڭ-ئاڭلىماڭ، گەپ بولسىمۇ نەپنى دېدىم

    ئوڭ دېدىم تارتتىم زىيان، ئەمدى شۇڭا چەپنى دېدىم‑

    ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

     

    مەنبە «بوزقىر»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شوجاڭ _