ئەينەك(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-23 03:08:40

ئەينەك ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نېمىدىگەن قالتىس نىمە ئەينەك دىگەن ،كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى .سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەر پارچىسى ،كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى .سەتنى ئۇ پەداز بىلەن قىل...

    ئەينەك
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


    نېمىدىگەن قالتىس نىمە ئەينەك دىگەن ،
    كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى .
    سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەر پارچىسى ،
    كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى .

    سەتنى ئۇ پەداز بىلەن قىلماس گۈزەل ،
    بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم.
    ھەر كىشى بۇلالىسا ئەينەك كەبى ،
    دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم .

    نېمدىگەن خالىس نىمە ئەينەك دىگەن ،
    مەڭگۇلۇك دوستلۇققا سەكسىز ، ئەرزىگەي .
    تۇتمىسا ھەر كىم بىلىپ ئەينەكنى دوست ،
    بولسىمۇ مىڭ دوستى ، دوستۇم كەم دىگەي .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.