بوسۇغامدىكىلەر...

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-02 21:59:00

بۇسۇغامدىكىلەر... مەن ھاياتنى سۆيگەندىن بېرى بوسۇغۇمدا يانار يۇلتۇزلار گويا ئىككى ئالەم غارىنىڭ خىرەسى ئارا ئېچىلغان يارا . نۇريۇلتۇزى يېنىشتىن بۇرۇن بوسۇغۇمدا گۈللەر خۇش پۇراق ئۇسسۇل ئويناپ ل...

    بۇسۇغامدىكىلەر...

     مەن ھاياتنى سۆيگەندىن بېرى
    بوسۇغۇمدا يانار يۇلتۇزلار گويا
    ئىككى ئالەم غارىنىڭ خىرەسى
    ئارا ئېچىلغان يارا .

     نۇريۇلتۇزى يېنىشتىن بۇرۇن بوسۇغۇمدا
    گۈللەر خۇش پۇراق ئۇسسۇل ئويناپ
    لەۋلىرى بىلەن قۇشلار ئەمدى كېتىدۇ يىراق .
    مەن گۈللەرگە سۆزلەشتىن بۇرۇن

    ھۆل دەرەخلەرنىڭ ھەسرىتىدىن
    ئەكىس ئەتكەن ئۆلۈم ھېدىدە
    ھەممە بارلىق بىلىنەر پارلاق .
    قۇشلارنىڭ كېتىشى ئەمەس

     پۇررىدە- توزىغان چۈشلەردىن
    ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس
    يەنە كۆلەڭگە قەبرىسىى
    پۈركىۋاتقان سۆيگۈ شەپىسى .

     بوسۇغۇمدا يانغان غۇۋالىق
    ئەمەس ئىدى ئاخشامقى تېۋىش
    پەقەت ئىدى چوقچىيىپ قالغان
    ئورۇق بىر روھنىڭ تەمكىن سايىسى ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق