قاينامى:ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-10 00:10:44

ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسىرەخىم ياسىن قاينامىسەن سىزىساڭ دەريالارنى ئاسمانغا ئاققانمەن سىزىمەن دېڭىزلارنى غەملەرگە پاتقانسەن سىزىساڭ چىمەنلەرنى گۈللەر ئېچىلغانمەن سىزىمەن ياپراقلارنى قېنى چې...



    ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى

    رەخىم ياسىن قاينامى

     

    سەن سىزىساڭ دەريالارنى ئاسمانغا ئاققان

    مەن سىزىمەن دېڭىزلارنى غەملەرگە پاتقان

    سەن سىزىساڭ چىمەنلەرنى گۈللەر ئېچىلغان

    مەن سىزىمەن ياپراقلارنى قېنى چېچىلغان

    سەن سىزىساڭ ئاسمانلارنى زۇمرەت بېسىلغان

    مەن سىزىمەن يۇلتۇزلارنى دارغا ئېسىلغان

     

    سەن سىزىساڭ چىرايىنى سۇلارنىڭ سۈزۈك

    مەن كېچىنىڭ بارمىقىغا سالىمەن ئۈزۈك

     

    سەن سىزىساڭ بىر ناخشىنى تەندىن تۈزۈلگەن

    مەن سىزىمەن سۇنۇق تەمبۇر تارى ئۈزۈلگەن

     

    سەن سىزىساڭ شىرىن چۈشنى كارۋات ئۈستىدە

    مەن سىزىمەن شىرىن خىيال قەبرە ئىچىدە

     

    سەن سىزىساڭ بىر ھەيكەلنى ئالتۇن يالاتقان

    مەن سىزىمەن ئۈچ ئوغلۇمنى قىلىچلار ئاسقان...

    2011-4-28

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.