ئۈزۈلمەس ئۈمىد(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-11 03:04:21

ئۈزۈلمەس ئۈمىدئابدۇخالىق ئۇيغۇرھاۋادا بۇلۇتلار بار، داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ؟قۇياشنىڭ نۇرى ياكى ئۇشبۇ مانىئىدىن قۇتۇلغايمۇ؟قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر، ساچۇر نۇرىن داۋام ئەيلەرسۇباتى يوق بۇلۇتل...

    ئۈزۈلمەس ئۈمىد
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

     

    ھاۋادا بۇلۇتلار بار، داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ؟
    قۇياشنىڭ نۇرى ياكى ئۇشبۇ مانىئىدىن قۇتۇلغايمۇ؟
     
    قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر، ساچۇر نۇرىن داۋام ئەيلەر
    سۇباتى يوق بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ كەيپى بۇزۇلغايمۇ ؟
     
    قۇياشقا دالدا قىلماق ئەقىلسىزلىق دەلىلىدۇر
    سېنىڭ بۇ يۇققا بۆز خالتاڭ بىگىزلەرنى يوشۇرغايمۇ ؟
     
    كېرەك بولسا ئەگەر خالتا، بۇ سۆزگە تېز چۈشەنگەيلەر،
    تېشىلسە خالتىسى تاقتۇر، بۆلەك خالتا تېپىلغايمۇ؟
     
    نە چارە ئۇقمىدى ئەخمەق، سولاپ بۆز خالتىغا بىگىز،
    چىقىپ داھىي ئۈگۈتلەر بۇ جامائەتكە ئۇقتۇرۇلغايمۇ؟
     
    ئۈگۈتلەر توختىماستىن، ئۇ ئۈگۈتلەشكە ئۈمىدى زور،
    چۈشەنمەي بېزىرىپ تۇغان بىلەن ھەم توختىتالىغايمۇ؟
     
    كۆتۈر خالتاڭنى ئەى ئەخمەق، بۆلەك يەرگە كېرەك قىلغىل،
    كۆرەمسەن ئۇچى ئۇچلۇق بۇ بىگىزنى بۆز ياپالىغايمۇ؟
     
    چىقار بوران تەرەپبال ئەگەر ھېچ ئويلىماي تۇرساڭ،
    ئەگەر قاتتىق چىقىپ كەتسە، يېپىپ تۈڭلۈك ئالالىغايمۇ ؟
     
    جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھېچ كۆرۈپ بولماس،
    مۇقەددەس ئۇ قۇياشنى بۇ دىيار قايتا كۆرەلىگەيمۇ ؟
     
    ئوقۇتماي بالىلارنى ئوينىتىپ، خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق،
    ئېسىت! بۇ بالىلار ئاخىر، يېرىم ناننى تاپالىغايمۇ؟
     
    ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلار ھاۋا ھەم ئەۋزائىنى بۇزدى،
    ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق، بۇ ھەم مىللەت يوقالغايمۇ؟
     
    چىقىپ بوران تەرەپپال، چۈشمىدى ئەسلا تېمىم يامغۇر،
    قۇرۇپ كۆللەر، خاراپ بولدى، ھاياتلىققا يېتەلگەيمۇ؟
     
    تەرەپپال بوراننىڭ ھەم يامغۇرنىڭ ھېچ تېگى يوقتۇر،
    ۋە لېكىن ئابدۇخالىقنىڭ ئۈمىدى ھېچ ئۈزۈلگەيمۇ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.